
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار بىرلىكى باشلىقى تىبەت ئەپەندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 3-كۈنى زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا بىر كونفىرانس چاقىرىلدى. كونفرانستا پروفېسسور ئابدۇلقادىر دونۇك، دوكتور ئۆمەر كۇل ۋە ئارسلان ئالىپتېكىن قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ياشلار بىرلىكى ئورتاقلىشىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلۇسلىقىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتناشتى. 2-ئاينىڭ 5-كۇنى بولسا ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىلىكى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
سوغۇق قىش كۈنىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە تۈرك خەلقى 5 -يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا قەيسېرى ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار شۇنداقلا تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى ۋە كەڭ ئۇيغۇر دوستلىرىدىن تەشكىل تاپقان نامايىشچى ئامما قاتناشتى. ئۇلار ھەممىسى قوللىرىدا تۈركىيىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تۇتۇشۇپ، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپرىقى، خىتايلار قاتىل، يوقالسۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قېرىندىشىڭغا ئىگە چىق، دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى.

كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەتبۇئات باياننامىسىنى ئوقۇدى. باياننامىدا مۇنداق دېيىلگەن:
1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ۋەقە بولۇپ ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى. سوغۇق بىر قىش كۈنى قولى قان بىلەن بويالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلچخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ غۇلجا ۋەقەسىدە قەتلى قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن خىتايغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ كەلگىلىمۇ 10 يىل بولدى. بۈگۈن سىلەرگە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، بىز سىلەرگە بارىن، غۇلجا ۋە خوتەن ۋەقەلىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتقان كۈنىمىزدە يېڭى قىرغىنلار بۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى. قىممەتلىك ئاخبارات خادىملىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر دوستى قېرىنداشلىرىمىز، بىزنى يالغۇز قويمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئېيتىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەريادىغا قۇلاق سېلىڭلار. پۈتۈن تۈرك خەلقىگە بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىتىڭلار. مەن بۇيەردە غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان پۈتۈن شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن بىرلىكتە بارلىق تۈرك خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشقا، ياردەم قىلىشقا چاقىرىمەن".
كېيىن، غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان كىشىلەرنىڭ جانازىسىغا سىمۋول قىلىنغان بىر جانازا خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. جانازىنىڭ ئۈستىگە قاتىل خىتاي، بالىلارنىڭ قاتىلى، دەپ يېزىلغان ئىدى. (ئەركىن تارىم)