غۇلجىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئاپەتنىڭ زىيىنى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىكىدىن كۆپ ئېغىر ئىكەن.

0:00 / 0:00

1-نويابىر سەھەر سائەت 6:20 دە ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى بىلەن كۈنەس ناھىيىسى تۇتۇشىدىغان جايدا، 6 بالدىن 6.1 بالغىچە دەرىجىدىكى يەر تەۋرىگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.

خىتاينىڭ 3-نويابىرغىچە بولغان ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئىلى ئوبلاستىدىكى 8 ناھىيە ۋە غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، 143 مىڭ 800 ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 66.919 مىليون يۈەندىن ئاشقان. 2453 ئېغىز ئۆي، 5000 دىن ئارتۇق قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. 63600 ئۆيگە دەز كەتكەن.كۈنەس ناھىيىسىنىڭ قارا بۇغرا يېزىسى، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىياريۇزى يېزىسى ئاپەتكە بىرقەدەر ئېغىر ئۇچرىغان. 3-نويابىرغا قەدەر 5000غا يېقىن ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 1000 دىن ئارتۇق چېدىر تىكىلگەن. ئاپەت نىسبەتەن ئېغىر بولغان كۈنەس ناھىيىسىدىكى بارلىق يەسلى، باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرس توختىتىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئاپەت رايونلىرىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئەۋەتىلىپ، 1000 دىن ئارتۇق چېدىر تىكىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 3-نويابىرغىچە بېرىلگەن ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە يارىلانغان ئادەملەرنىڭ ئېنىق سانى بېرىلمىدى.

بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ يەنىلا يېزىلاردىكى نامرات ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر خانىم، گەرچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەت رايونىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاپەتنىڭ ئەمىلى زىيىنىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇقتۇرغاندىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خانىم ئۆز بايانىدا يەنە ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭغا رايوندىكى كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كان شىركەتلىرى تەرىپىدىن زىيادە كۆپ ئېچىلىشى، ئىلى تاغلىرىدىكى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ رايونغا يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن قالايمىقان قېزىلىپ، تاغلاردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، يايلاقلارنىڭ ئېچىلىپ بۇ جايلارغا كۆكتات تېرىلىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

نىلقا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، نىلقا ناھىيىسىدە ئاپەتنىڭ ئېغىر بولمىغانلىقىنى، ئەمما رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ كىشى ئۆز بايانىدا بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ، نىلقا ناھىيىسىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، 1-نويابىر كۈنى يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، قۇربان ھېيت يېقىنلىشىپ قالغان مەزگىلىدە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشىنى، يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىسى ھەم كۈنەس ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان خىزمەتچى خادىملار، ئۆزلىرىنىڭ تېلېفوندا چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن قاتارلىقلارنىڭ ئاپەت رايونىغا يېتىپ كېلىپ، 400دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا كىيىم- كېچەك، يوتقان-كۆرپە،يېمەكلىك قاتارلىقلار تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتتە يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئەمما خىتاينىڭ رېن-رېن تور بېكىتىنىڭ 2-نويابىردىكى سانىدا، تور ئابونتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى بېرىلدى.