غۇلجىدىكى قورۇ جايىنى ھۆكۈمەت مەجبۇرىي تارتىۋالغان بىر خانىمنىڭ ئاھۇ - زارى

غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسى ۋە شەرق مەھەللىسى ئۇيغۇرلار زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنىڭ بىرى بولۇپ، غۇلجا شەھىرىگە يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولغانلىقتىن، غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاۋ باۋخۇانىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خېرىدار چاقىرىپ تاۋار ئۆي بازىرى بەرپا قىلىش نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.10.19
Urumchi-Uyghur-ayallar-namayishi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﺎﺕ - ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

غۇلجا شەھىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئون نەچچە، ھەتتا 20 گە يېقىن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقان ۋە ئاھالىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن قورۇ - جايلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن ئومۇمى سوممىسىنى بىرلەشتۈرگەن ھالەتتىمۇ، بۇ ئالاھىدە رايوندىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشقا يەتمەيدىكەن.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر مەجبۇرىي چېقىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان چاغدا، ئەتراپ ئىنتايىن قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، يانفون ئىشلەتكەنلەر ۋە سۈرەتكە تارتقانلار قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنغان ۋە سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتلىرى، يانفۇنلار تارتىۋېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.