11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى د ۇ ق نىڭ گېرمانىيىدىكى باش شىتابىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە دۇق رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىدىن كۆپلىگەن كىشى قاتناشقان. پائالىيەتتە 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان „شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" بىلەن 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان „شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"نىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ھەققىدە ماقالىلار ئوقۇلغان ھەم ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
تارىخچىلار 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزىغا خاتىمە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن مىللىي دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى، دەپ قارايدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1949 - يىلى قىزىل كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
2004 - يىلى دۇق ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بايرىمى، دەپ بېكىتىپ ئۇنى قۇتلۇقلاشنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئالدىدا يىغىلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە ھەمدە بۇ ھەقتە ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. (ئەكرەم)