0:00 / 0:00
2007 - يىلى 10 - دېكابىر، دۈشەنبە كۈنى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن مىيونخېنغا يىغىلغان گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكلىرىگە، سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشقا ئەر ئايال ھەتتا بالىلاردىن بولۇپ نەچچە يۈز ئۇيغۇر قاتناشتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ مىيۇنخېندىكى مەزكۈر نامايىش پائالىيىتى توغرىسىدا بەرگەن نەق مەيدان خەۋىرىنى ئاڭلايسىز.