گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پارلامېنتقا سۇنغان 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى (1)
2008.01.07
د ۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكېر بەك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى 2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گېرمانىيە پارلامېنتىغا 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان بولۇپ، پارلامېنتتا بىر سائەتتىن ئارتۇق مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن. بۇ لايىھىگە "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدايلى" دەپ نام قويۇلغان. گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى ۋولكېر بەك ئەپەندى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسى، گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغاپلا قالماي، د ۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
بۇ تەكلىپ لايىھە ھەققىدە د ۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن،ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان
- خىتاي بىلەن ھىندىستان " قولمۇ - قول 2007 " ناملىق تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزمەكتە
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىدە ئۈمىد قىلغانلىرىغا ئېرىشەلىدىمۇ؟
- كاترىن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاخىرلاشتى
- گېرمانىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى
- گېرمانىيىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى سىياسىتى
- رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت --- يېڭى ئىرا گېزىتىدىكى ماقالە ھەققىدە
- چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (2)
- ئىنتېرنېت خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا يەنە ماجىرا پەيدا قىلدى
- ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى