گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پارلامېنتقا سۇنغان 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى (1)

0:00 / 0:00

د ۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكېر بەك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى 2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گېرمانىيە پارلامېنتىغا 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان بولۇپ، پارلامېنتتا بىر سائەتتىن ئارتۇق مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن. بۇ لايىھىگە "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدايلى" دەپ نام قويۇلغان. گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى ۋولكېر بەك ئەپەندى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسى، گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغاپلا قالماي، د ۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ تەكلىپ لايىھە ھەققىدە د ۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن،ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.