گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پارلامېنتقا سۇنغان 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى (2)
2008.01.09
د ۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكېر بەك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى 2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گېرمانىيە پارلامېنتىغا 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان بولۇپ، پارلامېنتتا بىر سائەتتىن ئارتۇق مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن. بۇ لايىھىگە "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدايلى" دەپ نام قويۇلغان.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى ۋولكېر بەك ئەپەندى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسى، گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغاپلا قالماي، د ۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
بۇ تەكلىپ لايىھە ھەققىدە د ۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن،ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پارلامېنتقا سۇنغان 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى (1)
- ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى
- كاترىن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاخىرلاشتى
- گېرمانىيىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى سىياسىتى
- ئىنتېرنېت خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا يەنە ماجىرا پەيدا قىلدى
- فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ۋە ئۇيغۇرلار نامايىشى
- د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ يېقىنقى بىر قاتار پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت
- مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا گېرمانىيە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئورگانلىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان
- مېركېل خانىم خىتاينى ئاخبارات ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە قىستىدى
- ئانگېلا مېركېل: خىتاي ئويۇننىڭ خەلقئارا قائىدىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك
- رابىيە قادىر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا









