ئانگېلا مېركېل: خىتاي ئويۇننىڭ خەلقئارا قائىدىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك


2007.08.27

GERMANY_TIBET_DALAI_LAMA_28_thumb.jpg
ئانجىلا مېركېل خانىم 2005 - يىلى 17 - ئىيۇلدا، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن. AFP PHOTO DDP/MICHAEL KAPPELER GERMANY OUT

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان 3 كۈنلۇك زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلاندى. ئۇ، شۇ كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن سودا، مۇھىت، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، دارفۇر مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ماركېلنىڭ زىيارىتى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنى خاكلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاساسسىز دەپ ئىنكار قىلغان، مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى مېركېلنىڭ زىيارىتىدە كىشلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قارشى ئالدى.

مېركېل كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇنتۇپ قالمىدى

بۇ ئانگېلا مېركېلنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغاندىن بېرى خىتاينى -2 قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ دۈشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە سودا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە مۇھىت قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى سەزگۈر ھېسابلىنىدىغان تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ دارفۇر مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى بىلەن ۋېن جياباۋ ۋە خۇ جىنتاۋلارنىڭ سۆھبىتى، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئانگېلا مېركېل، خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەرگە كۆز يۇمۇلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، شۇ كۈنى ۋېن جياباۋ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا "مەن سۆھبىتىمدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەشتىم. بولۇپمۇ مەن ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا بۇرۇلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدىم " دەيدۇ.

خىتاي ئويۇننىڭ قائىدىسىگە بوي سۇنۇشى كېرەك

خىتاي كومۇنىستىك ھۆكۈمىتى يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ياخشىلاشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ قارايدىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە سىياسى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارزۇسى ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنى بۇ مەسىلىدە ئاگاھلاندۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.

مېركېلنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ۋېن جياباۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،"ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىيات يولىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن خىتايغا ئوخشاش تەرەققىيات سۈرئىتى تېز بولۇۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ئويۇننىڭ قائىدىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئانگېلا مېركېلغا خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆلۈم جازاسى ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا خەت يازغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئەسقەر جان، ئانگېلا مېركېلنىڭ بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قارشى ئالدى.

خىتاينىڭ " گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى"

ئانگېلا مېركېل، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەشكەندە كونكرېت قايسى مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. لېكىن گېرمانىيە خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گېرمانىيە پارلامېنتى 5 - ئايدا ماقۇللىغان بىر قارار لايىھىسىدە خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ " گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى"غا ئوخشاتقان ۋە" سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇلاگلىرى ئاللا بۇرۇن تارىخقا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن دەۋرىمىزدە خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى يەنىلا باستۇرۇش قورالى بولۇپ كەلمەكتە، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەنۋەر جان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خېتىدە ئۆلۈم جازاسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى، سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈردى.

دارفۇر مەسىلىسى نىمە ئۈچۈن مۇھىم ؟

خىتاي، دارفۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاش سىياسىتى تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ئەگەر دارفۇردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا كۈچ چىقارمىسا، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ماركېل، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە دارفۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى قويمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

لېكىن ئۇ، ئالدىنقى كۈنى خىتاي سەپىرىگە چىقىش ئالدىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىز ئەلۋەتتە سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. خىتاي سۇداننىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئىگىلىكىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە سۇداننى ھەربىي ياراقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەتتۇر.

خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەم تەنقىد قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئەگەر خىتاي دارفۇر مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىشلەتمىسە، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى "ئىرقىي تازىلاش ئولىمپىكى " دېگەن نامغا قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى تام لانتوس دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئاخبارات يىغىنىدا نۇرغۇن ياشلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى 'ئىرقىي تازىلاش ئولىمپىكى' دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"مەن بۇ يەردە يەنە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىي دۇنيا بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، دارفۇردىكى مىڭلىغان بىگۇناھ ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەرەب جاڭجاۋېد قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت تور بېتىنى كىم خاكلىدى

ئانگېلا مېركېلنىڭ سەپىرى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت تور بېتىنى خاكلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. گېرمانىيە "ئەينەك" ھەپتىلىك ژورنىلى ئالدىنقى كۈنكى بىر خەۋىرىدە، گېرمانىيە ئاخبارات ئورگىنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تور سېستىمىسىدا "تروي ياغاچ ئات ھىلىسى " دەپ ئاتىلىدىغان كومپيۇتېر ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ۋە گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنى خىتاينىڭ ھەربىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ۋەقەنى تىلغا ئالدى ۋە "مەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇم. ئەگەر بىز مۇناسىۋىتىمىزنى ئىلگىرى سۈرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم خەلقئارا قائىدىلەرگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. ۋېن جياباۋ بولسا گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور بېتى ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ھۆكۈمىتىمىز قەتئىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كومپيۇتېر سېستىمىسىنى خاكلايدىغان قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدۇ "دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.