يېقىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ زىيارەتكە خىتاي ۋە گېرمانىيە تەرەپ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇچرىشىش جەريانىدا ئانگېلا مېركېل خانىم خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىك ئەركىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مېركېل خانىمنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا گېرمانىيە مىنىستىرلار مەھكىمىسىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىنىڭ خىتاي ھەربىي تەرەپ جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى ۋە فېدېراتسىيە ئاخبارات - تېخنىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەلۇمات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە مىنىستىرلار مەھكىمىسىدىكى ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىراق، خىتاي تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلغان.
تەھلىلچىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ گېرمانىيە-خىتاي ھەمكارلىقىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئەكرەم)