ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ھەر يىلى روزى ھېيت ياكى قۇربان ھېيت مەزگىلى چەتئەللەردە، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ‏- ئارا دەرتلىشىدىغان مۇھىم كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر.

بۇ قېتىم گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ميۇنخېن شەھىرىگە يىغىلىپ، قۇربان ھېيتنى شېئىر ‏- دىكلاماتسىيە ئوقۇش، مىللىي ناخشىلارنى ئېيتىش، يۇمۇر ۋە چاقچاقلار بىلەن كۈتۈۋالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ توغرىدا بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.