گېرمانىيىدە 'مەدەنىيەت بازىرى' مۇراسىمى ۋە قۇربان ھېيتلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى

گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان " مەدەنىيەت بازىرى" پائالىيىتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى، ئۆز‏ - ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىختىيارى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مەدەنىي، ئىجتىمائىي ھەم سىياسىي بىر پائالىيەت بولۇپ، 1998 - يىلى مىيۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ئەكرەم
2008.12.17

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكى سەھنىدە

12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مىيۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە "جەنۇب - شىمال مۇنبىرى تەشكىلاتى"نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن „" مەدەنىيەت بازىرى" پائالىيىتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى "بىر دۇنيا ئۆيى"دە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى موناتزدەر ئەپەندىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان.

پائالىيەتكە ھەر مىللەت كىشىلىرى قاتارىدا، ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم بۇ تەشكىلات تەركىپىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكى ھەر يىلى بىر قانچە قېتىم مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىلدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە ئويۇن كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ يېقىملىق ئۇسۇللىرى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە مەدھىيىسىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىممۇ بۇ پائالىيەتتە بىرىنچى بولۇپ ئويۇن كۆرسىتىپ، مۇراسىم ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرۇلۇق تەشۋىقات

بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشنىڭ ياخشى پۇرسەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ پائالىيەت جەريانىدا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەم بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش ئىمكانىغا ئېرىشكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىغا ئائىت ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان. د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن "گۈلدۈرماما" ناملىق ئەسەر پائالىيەت ئەھلىنىڭ قىزغىن سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن.

قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يەنە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى د ئۇ ق باش شتابى يىغىن زالىدا قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە مىيۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان. پائالىيەت سورۇنىغا ئۇيغۇرچە تائاملار ھەم ھېيتلىق تاتلىق - تۈرۈملەر تىزىلغان.

ئۇيغۇرلار بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، ئۆز - ئارا دىدارلىشىپ، مىللىي تائاملاردىن غىزالىنىش بىلەن بىرگە، ئۆز - ئارا كۈلكە، چاقچاق ۋە ناخشا، ئۇسۇللار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ، ھېيىت تەنتەنىسى قىلغان. قۇربان ھېيىت كۈنى ئۇيغۇر جامائىتى ھېيىت نامىزىنى قۇرۇلتاي باش شىتابىدا بىرگە ئۆتەپ، ئاتىغانلار قۇربانلىق پۇللىرىنى قىيىنچىلىق ئاستىدىكى قېرىنداشلىرىغا تەقدىم قىلغان ۋە شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۆز - ئارا پەتە ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.

بۇ پائالىيەت بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلماقتا. توپ ‏ - توپ جامائەت بولۇپ پەتىلەشتىن ئىبارەت مىللىي ئەنئەنە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن قانچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ غەرب ئەللىرىدىمۇ داۋام قىلماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.