گوللاندىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدە قارار ماقۇللىدى


2005.12.05
VanBaalen_foto_voorpagina.jpg
گوللاندىيە پارلامېن ئەزاسى Hans Van Baalen. courtesy of http://www.hansvanbaalen.nl

2005-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، گوللاندىيە پارلامېنتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى زۇلۇم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ قارار قوبۇل قىلدى.

گوللاندىيە پارلامېنتىنىنىڭ نوپۇزلۇق ۋەكىللىرىدىن Hans van Baalen، Henk de Haan ۋە Bernard Dietrich قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، گوللاندىيا پارلامېنتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتىنى قاتتىق قارىلاپ، 29- نويابىر كۈنى قارار چىقاردى.

بۇ قارار، گوللاندىيا پارلامېنتىدىكى 150 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تەرىپىدىن ماقۇللاندى. قاراردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتتەكى سىياسىتىدە ھازىرغا قەدەر ھىچ بىر ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئەغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىغى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

قاراردا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنىۋاتقانلىغى ۋە ئىنساندەك ياشاش ھەققىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ "تېررورىست" دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنۋاتقانلىغى، تۇرمىلاردا تەن جازاسىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىغى ھەتتا ئۆلۈم جازالارىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر قارار، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ غەيرى ئىنسانىي سىياسىتىنى توختىتىشقا، بۇ خەلقلەرنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە خىتايدا دېموكراتىك ئىسلاھاتلار ئېلىپ بەرىشقا چاقىرىلغان.

گولاندىيە پارلامېنتىدىن تىبەت ۋە شەرقى تۇركىستان ھەققىدە بىر قارار چىقارتىش ئۈچۈن، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەلق`ئارا تىبەت ھەرىكىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2004-يىلى 6-ئايدا گوللاندىيىنىڭ گاگا شەھرىدە بىر-ئارىغا كېلىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا كېلىشكەن ۋە بۇ كېلىشىم بويىچە، ئۆتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا گولللاندىيە پارلامېنتىدا بىر قاتار لوبى فائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، بۇ قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، ئاتاغلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا تەييارلىگاھن پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.