8 - مارت كۈنى گوللاندىيىنىڭ زاڭدام شەھىرىدە شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە گوللاندىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 8 - مارت خەلقارا ئاياللار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مىللەتلەر يىغىلىشى بولۇپ ئۆتكەن.
يىغىلىشقا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مېھمانلىرى سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇلار پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسى تەقدىرىنى ئىپادىلەيدىغان ھەر خىل رەسىملەرنى، ئۇيغۇرچە تاماق ئۈلگىلىرىنى كۆرگەزمە قىلغاندىن سىرت ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس دوكلاتلار بەرگەن. بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت رۇزى ئەپەندىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
پائالىيەت داۋامىدا ، بۇ يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاساسلىق ئورگاننىڭ بىرى بولغان زاڭدام شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى تاڭنا خانىم سۆزگە چىقىپ ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس مەلۇمات بايان قىلغان. تاڭنا خانىم دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئېچىنىشىنى ئىپادىلىگەن. غەيرەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (يالقۇن)