گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىپتارلىق داستىخان سېلىپ باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن دوستلۇق ئورناتتى

19 - سېنتەبىر كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پايتەخت شەھەر ئامستېردامدا رامىزانلىق ئىپتار پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن.
مۇخبىرىمىز ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2008.09.22

19 - سېنتەبىر كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پايتەخت شەھەر ئامستېردامدا رامىزانلىق ئىپتار پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن.

پائالىيەتكە گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان بىرقانچە جەمئىيەت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بېلگىيىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئامستېردامغا كېلىپ رامىزانلىق ئىپتار داستىخىنىغا داخىل بولغان.

ئىپتاردىن كىيىن ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەر قايسى مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان ناخشا - مۇزىكىلار پائالىيەت ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشچە، بۇنداق كەڭ دائىرلىك، مەزمۇنى زور بولغان ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى، باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەر خىل ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تەشۋىق قىلىشتا ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ئىكەن.

گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان غەيرەت ئەپەندىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. شۇنداقلا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان سادىقجان، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.