گوللاندىيەدە 'مەخمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى' ئۆتكۈزۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرىنى خاتىرلەش يىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.01.27
Dr.-shukru-aqalin-soz-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺋﺎﻗﺎﻟﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

2009 - يىلى كىرگەندىن كېيىنمۇ مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى پائالىيەتلەر داۋام قىلماقتا. 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى ئاناتولىيە ۋەخپىنىڭ يىغىن زالىدا مەخمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىننى گوللاندىيەدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتقان تۈركى تەتقىقات مەركىزى، ياۋرۇپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى، گوللاندىيە تۈرك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئەزەربەيجان مەدەنىيەت جەمئىيىتى، ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى ئىنسان ھەقلىرى ۋەخپى قاتارلىق 8 ئاممىۋىي تەشكىلات ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ياۋروپادا ياشاۋاتقان قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشقان.

بۇ يىغىندا تۈركىيىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى باشسېكرېتارى پروف. در. مۇستافا ئىسەن، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. شۈكرى ئاقالىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوللاندىيە باشئەلچىسى سەلاھەتتىن ئالپار قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنى ياۋروپادا ياشاۋاتقان ياش نەسىللەرگە ئۆگىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنى ياش نەسىللەرگە ئۆگىتىش ۋە بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن باشئەلچى، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ بۇ ئورتاق قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
Turk-puli-Qeshqiri-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻏﺎﻥ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﯕﮕﻪ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە تۈركىيىدىن قاتناشقان تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى شۇكرى ئاقالىن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ كىملىكى، ھاياتى ۋە يېزىپ قالدۇرغان ئەڭ ئۇلۇغ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە مەخمۇت قەشقىرىدەك تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلى تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ دۇنيادا بەكلا ئاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئوپالدىكى مازىرىدا تارتىلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتچى ئايگۈل ھەسەن كونسېرت بەرگەن. بىز بۇ يىغىن جەريانىدا نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلاتلاردىن بىرىنىڭ مەسئۇلى ئاخمەت ئەپەندى، بۇ يىغىندا ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپلا قالماستىن، خىتاي باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان تۈرك تۇپرىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن تۈرك دۇنياسىدا مىڭ يىل بۇرۇن تۈرك تىلىنىڭ ئاساسىي پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شەخس مەخمۇت قەشقىرىدۇر. يەنى بۇ دىۋان،  تۈرك دۇنياسىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە يېزىق مەنبەسىدۇر. بۇ شۇنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، مىڭ يىل بۇرۇن تۈرك دۇنياسى ئۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەر تۈركىي مىللەتلەرنىڭ زېمىنى ئىدى. تۈركىي مىللەتلەر ئۇ يەردە ياشايتتى. يەنى ئۆزلىرى قۇرغان دۆلەتتە ئۆز مىللىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتاتتى. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى ۋە خىتاي جاھانگىرلىرىنىڭ يامان نىيىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. بىز بۇ يىغىنىمىزدا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئاساسىي پەلسەپىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپلا قالماستىن، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى ھەققىدىمۇ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. گوللاندىيەدە ئېچىلغان بۇ يىغىندىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز."
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.