5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە نامايىش

2011‏-يىلى 5‏-ئىيۇل گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
gollandiye-namayish-5-iyul1-305.jpg 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە بولغان نامايىش. 2011‏-يىلى 5‏-ئىيۇل.
RFA/Pidaiy

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلىنىپ، 4 تە ئاياغلاشتى. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نامايىش بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەت باشتىن ئاخىرى جانلىق ۋە روھلۇق ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشچىلار تۈرلۈك مەزمۇنلاردا شوئارلارنى توۋلىدى، ئۆزلىرى يېزىپ كەلگەن جەڭگىۋار شېئىر ۋە خىتابلىرىنى ياڭراتتى. مىللىي قىياپەتلىرى بىلەن تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن بوۋاقلار ئالاھىدە دىققەت چەكتى.

gollandiye-namayish-5-iyul2-385.jpg
5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە بولغان نامايىش. 2011‏-يىلى 5‏-ئىيۇل.
RFA/Pidaiy

تەشكىلاتلار يېتەكچىسى سادىقجان سەلەي ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىلەر نامايىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ياشلار ۋەكىلى ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.