1 ‏- ئۆكتەبىر، گوللاندىيىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2007-10-01
Share

2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، گوللاندىيە خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىش. RFA Photo

ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىل 1 ‏- ئۆكتەبىر كۈنىدىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇردى.

ئامېرىكا ، گېرمانىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيىلەردە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار ئىنتايىن قىزغىن ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئىزچىل تۈردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ رەزىللىكى تۈرلۈك تەشۋىق ۋاراقلىرى ۋە نامايىشتا توۋلانغان شۇئارلار ئارقىلىق نامايەن قىلىنماقتا.

خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ 58 ‏- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ، نورۋىگىيىدىكى نامايىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كەلگەن بىر قانچە ئۇيغۇر ياشلىرى" بىز خىتايغا بولغان نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش ھەمدە گوللاندىيىدىكى يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە يېتىپ كەلدۇق " دېيىشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ھازىرلىغان تەپسىلى مەلۇماتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت