
ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىل 1 - ئۆكتەبىر كۈنىدىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇردى.
ئامېرىكا ، گېرمانىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيىلەردە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار ئىنتايىن قىزغىن ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئىزچىل تۈردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ رەزىللىكى تۈرلۈك تەشۋىق ۋاراقلىرى ۋە نامايىشتا توۋلانغان شۇئارلار ئارقىلىق نامايەن قىلىنماقتا.
خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ 58 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ، نورۋىگىيىدىكى نامايىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كەلگەن بىر قانچە ئۇيغۇر ياشلىرى" بىز خىتايغا بولغان نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش ھەمدە گوللاندىيىدىكى يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە يېتىپ كەلدۇق " دېيىشتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ھازىرلىغان تەپسىلى مەلۇماتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.