گوللاندىيىدە " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2007.12.10

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن مەركىزى گوللاندىيىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

مەزكۈر تەشكىلاتلار بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھەج ھوقۇقىغا ئىگە بولالماسلىقتەك قىيىنچىلىقلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارلاش مەقسىتىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى ۋە بۇ مەسىلىدە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇنىڭدىن سىرت ئىككى تەشكىلاتنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا 10 ‏- دېكابىر كۈنى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك " دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.