17- فېۋرال كۈنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ،گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يىڭى رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىققان. سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سايلام گوللاندىيىگە ئۇيغۇرلار كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەنگەن، ئەڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سايلام بولغان.
سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلار سايلامدىن كېيىن جامائەت ئالدىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە گوللاندىيىدە ئۇيغۇر دەۋا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاغلىق تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ئوغلى مۇرات ئالماس ئەپەندى سايلانغان، بەختىيار شەمشىدىن، غەيرەت روزىلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئابدۇسالام نىجات باش كاتىپلىققا سايلانغان.
گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى مۇرات ئالماس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سايلامدىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى سايلام ئارقىلىق 9 كىشلىك ئىدارە ھەيئىتىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، مۇئاۋىن رەئىس غەيرەت روزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: بۇ قېتىم جەمئىيەت تەركىپىدە ئوقۇغان، ئالىي مەلۇماتلىق ياشلار كۆپرەك بولۇپ، بۇ گوللاندىيىدە ئۇيغۇر دەۋا ئىشلىرىنىڭ بارغانچە مۇكەممەللىشىشىگە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ غەيرەت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ئۇنتۇلمايدۇ
- بىر تۈركۈم ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى: " تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى خىتاي ئەمەس، تەيۋەن خەلقى بەلگىلىشى كېرەك"
- قىرغىزىستاندا ئۆكتىچى گۇرۇھلار باقىيېف ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلماقتا
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (3)
- خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتابنامىسى ۋە مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرى
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (2)
- بەنەزىر بۇتتو دادىسى زۇلفىقار ئەلى بۇتتونىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى
- رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرنىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇردى
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (1)
- قىرغىزىستان پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەكىلى - پەرھات ھاجى
- كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى
- 2007 - يىلىدىكى دۇنياۋىي سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئاياللار