گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى


2008.03.18

18 ‏- مارت كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيدىغان داغدۇغىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە بىر قىسىم گوللاندىيىلىك كىشىلەرمۇ قاتناشقان.

بۇگۈنكى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت رۇزى نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقىغا قارىتا ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇرات ئالماس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.