گوللاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

كېيىنكى 10 نەچچە يىل ئىچىدە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ سىرتقا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشىمۇ تېز بولماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.10.30
Gollandiye-uyg-gheyret-305 ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىدىن كېيىن ياۋرۇپا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تېزلا تەشكىلاتلارنى قۇردى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز داۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئۆز ماھىيەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، يەر سېتىۋېلىپ مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرماقتا.

بۇ يىل  8 - ئاينىڭ باشلىرىدا گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەر ئېلىپ مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەسچىت قۇرغان ئىدى. ئۇلار ئۆتكەن ئاي چەتئەللىكلەرنى تەكلىپ قىلىپ مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئۇيغۇرلارغا سىياسى پاناھلىق تىلەشنىڭ يوللىرى ھەققىدە قانۇنى ساۋات بەرگەن.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش سېكرىتارى غەيرەتجان، ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇللاھ ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.