گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ھەمكارلاشماقتا

بۇلتۇر خىتايلارنىڭ 5‏ - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان 6‏ - ئىيۇن نارازىلىق نامايىشىدا، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ يەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاش ئاتقانلىقى ئۈچۈن 150 نەچچە ئۇيغۇر نامايىشچى نەق مەيداندا تۇتۇپ كېتىلىپ، شۇ رايوندىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىغا قامالغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تاش ئېتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 14 ئادەمگە 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە ئارقىدىنلا 4000 يوۋرو تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەمما، مەزكۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بۇنىڭغا يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئىشىدا بىر قارارغا كېلەلمەي بۈگۈنگىچە سۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. نەتىجىدە ئەسلىدىكى 4000 يوۋروغا ئۆسۈم قوشۇلۇپ، ھازىرقى 48000 يوۋروغا چىققانلىقى مەلۇم بولدى.

جاۋابكارلار بۇ قېتىمقى ئاگاھلاندۇرۇش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىگە قارىتا قايتىدىن ئىزدىنىشكە باشلىغان. ھازىرغا قەدەر بەزىلەر ئۆز ئالدىغا، بەزىلەر بىر نەچچىسى بىرلىشىپ دېگەندەك ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ مەسلىھەتلەشكەن. نەتىجىدە مەسلىھەتكە چاقىرىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپلىرى بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پىكىرگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە تۇنجى قېتىم ئادۋوكاتلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەيىبلەنگۈچىلەر ئۈمىدلىك قەدەملىرىنى باسماقتا.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن غەيرەتجان روزى، بەختىيار ناسىر، سادىقجان سەلەي قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن بىر قىسىم زىيالىيلارنى زىيارەت قىلدۇق.

بۇ ئىشنىڭ بىر يىلدىن بىرى سۈرۈلۈپ ھەل بولماي كېلىشىدىكى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە باغلىنىشلىق نۇرغۇن شەخس ۋە كوللىكتىپلارنىڭ سۇسلۇقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت