گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خارري فان بوممىل: 'مەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە ھەرقاچان تەييار'

ياۋروپانىڭ يازلىق تەتىل دەم ئېلىشى ئاخىرلىشىپ نورمال خىزمەت تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىمۇ يېغىن چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.09.16
Uyghur-wekiller-Harri-ependi-bilen-bille-sehnide-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺧﺎﺭﺭﻱ ﻓﺎﻥ ﺑﻮﻣﻤﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo / Pidaiy

گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا قەرەللىك يېغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرغۇچىسى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە خرىستىئان دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق باشلىقى خارري فان بوممىل ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.     
    
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىلگىرىكى خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، كەلگۈسى يېڭى پىلانلار ھەققىدە پىكىرلەر بولۇندى. بىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ يېقىنقى تەسىرى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇ يەردە زىيارەتتە بولدۇق. پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممىل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ھۆرمەتلىك خارري فان بوممىل ئەپەندى. ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ گوللاندىيىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە بېرىۋاتقان تەسىرىچۇ؟ دېگەن سوئاللىرىمىزغا خارري فان بوممىل ئەپەندى مۇنداق دېدى:
RFA-muxbiri-Pidaiy-we-Harry-ependi-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺧﺎﺭﺭﻱ ﻓﺎﻥ ﺑﻮﻣﻤﯩﻞ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Pidaiy

"مەنچە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، مىللىي دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرەلىگۈدەك ھالغا كەلدى. گوللاندىيىدىكى ئەھۋالغا قارىساقمۇ كىچىك بىر گۇرۇپپا بولۇشىغا باقماي، ئىتتىپاقلىشىپ مۇكەممەل پىلان - لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ يىلمۇ مەلۇم نەتىجىلەر قازاندۇق. يەنە يېڭى بىر پائالىيەت پىلانلاۋاتىمىز. ئۇمۇ ئىلگىرىكىدەك ئامىستېردام ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولىدۇ. مەنچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە گوللاندىيىدە ياردەم بېرىشىمىز لازىم. مەن خرىستىئان دېموكرات پارتىيىسى نامىدىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە ھەرقاچان تەييار."

گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن گۆكخان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاق ۋە ئىناق بولۇشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

"ئۇيغۇر مەسىلىسى بولمىغان بولسىمۇ قانداشلىقىمىز سەۋەبىدىنمۇ يەنە ھەمكارلىشىشىمىز لازىم ئىدى، دەپ قارايمەن. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەمكارلىق تېخىمۇ زىچ ۋە كەڭ كۆلەملىك بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ئىچىدە ئىتتىپاق بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن."

زىيارەت داۋامىدا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئەزالىرىمۇ سۆز قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.