تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگەننى تەيۋەنلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزىسى
2007.05.25
ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى، ب ب س قاتارلىق بىرنەچچە خەلقئارالىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ 'ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەننى 'تەيۋەنلەشتۈرۈش' دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندىلەر تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.
تەيۋەندىكى گومىنداڭچىلارنىڭ ئىچىدە ئەخلاقىي جەھەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ
تەيۋەندىكى چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا تەيۋەندىكى گومىنداڭچىلارنىڭ ئىچىدە ئەخلاقىي جەھەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.
ئەمما گومىنداڭنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ 'بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەننى 'تەيۋەنلەشتۈرۈش'گە ئۆزگەرتىشى، بۇ يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن گومىنداڭنىڭ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىشى كېرەك، بۇنى كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
گومىنداڭ ئۆزىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆزگەرتسە، بۇ بىر خىل ئىلگىرىلەش بولىدۇ
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر گومىنىداڭچىلار، خۇددى بۈگۈنكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنغاندەك 'بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەننى 'تەيۋەنلەشتۈرۈش'گە ئۆزگەرتسە، بۇ بىر خىل ئىلگىرىلەش بولىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا بىر خىل ئىلگىرىلەش بولىدۇ.
ئەمما ئەمما گومىنداڭ تەيۋەندە يالغان گەپنى بەك كۆپ قىلغان، بۇ بەلكىم يەنىلا كېلەر يىلىدىكى سايلام ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان گەپ بولۇشىمۇ مۇمكىن.
گومىنداڭ تەيۋەندە يالغان گەپنى بەك كۆپ قىلغان، تەيۋەن خەلقى ئۇلارنىڭ گېپىگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، گومىنداڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا 29 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ئىدى، چوڭ قۇرۇقلۇقتا مەغلۇپ بولۇپ 1949- يىلى تەيۋەنگە قېچىپ كەلگىلى 58 يىل بولۇپ قالدى. گومىنداڭچىلار مۇشۇ ۋاقىتقىچە تەيۋەن ئارىلىنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتىدۇ.
گەرچە قولىدىن كەلمىسىمۇ، يەنىلا نەنجىڭنىلا ئەسلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ بىر غەلىتە ئىش. ئەمدى 'تەيۋەن' دېگەن ئەمەلىي دۆلەت نامىنى ئېتىراپ قىلسا، بۇ يەنىلا بىر ئىلگىرىلەش بولىدۇ. ئەمما گومىنداڭ يالغان گەپنى بەك كۆپ قىلغان، شۇڭا تەيۋەن خەلقى ئۇلارنىڭ گېپىگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ.
تەيۋەن خەلقى ئىككى مەسىلە ئارقىلىق گومىنداڭچىلارنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالدى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن لى دېڭخۇي ئەپەندى گومىنداڭنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرغاندا 'تەيۋەنلەشتۈرۈش'نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، گومىنداڭ ئۇنى پارتىيىدىن چىقىرىۋەتتى.
ھازىرقى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، بۇيىل تەيۋەننىڭ خامچوت لايىھىسى تېخىچە ماقۇللانمىدى. گومىنداڭچىلار تەيۋەننىڭ پارلامىنتىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار قوشۇلسا، تەيۋەننى سۆيسە، تەيۋەن خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەرەققىياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ خامچوت لايىھىسى ماقۇللىنىپ كېتەتتى، بۇ بىر مەسىلە.
يەنە بىر مەسىلە، تەيۋەننىڭ پارلامىنتىدا ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋېلىپ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش لايىھىسىمۇ ماقۇللانماي تۇرۇۋاتىدۇ. گومىنداڭچىلار بۇ لايىھىنى 70 نەچچە قېتىم رەت قىلدى. ئەگەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، تەيۋەننى بېسىۋالسا مەيلىمىكەن؟ تەيۋەن خەلقى ھازىر بۇ مەسىلىلەر ئارقىلىق گومىنداڭچىلارنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالدى.
ئەگەر گومىنداڭچىلارنىڭ ھازىرقى گېپى راس بولسا، ئۇنى ئەمەلدە كۆرسەتسۈن
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2004 - يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا گومىنداڭنىڭ رەئىسى ليەنجەن ئەپەندى 'بىز تەيۋەننى سۆيىمىز' ، 'تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ھېمايە قىلىمىز' دەپ تەيۋەننىڭ تۇپرىقىنى سۆيگەن ئىدى، سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنلا چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىپ، سېرىق پادىشاھنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى، نەنجىڭنىڭ توپىسىنى سۆيدى، تەيۋەندە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى 'بۆلگۈنچى' ، 'مۇستەقىلچى' دەپ تىللىدى.
تەيۋەن خەلقى گومىنداڭچىلارنىڭ گېپىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر گېپى راس بولسا، گومىنداڭ قىلغان گېپىنى ئەمەلدە كۆرسەتسۈن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'دىن بىزار
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)