خىتاي ھۆكۈمىتى Google ئېنگىلىزچە خەۋەرلەر تور بېتىنى توستى

خەلقئارا چېگرىرسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى Google ئېنگلىز تور بېتىنى توسىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىپلىدى. Google شىركىتىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، Google ئېنگلىزچە تور بېتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توسىۋېتىلگەنلىكىگە بىر ھەپتىدىن ئاشقان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى Google دا بېرىلگەن خەۋەرلەر توغرىسىدا، قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە مەزكۇر توربەتنىڭ خىتايچە بېرىلىدىغان خەۋەرلەردىكى خىتاينى ئەيىبلەيدىغان مەلۇماتلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى

يېقىندا ئامېرىكىدا ئېچىلغان "ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" ناملىق خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىنتېرنېت تەتقىقاتچىسى جەك خې ۋە بىل شيا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى ھەمدە "جىندۈن" ناملىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، بۇ خىل نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

Google خەۋەرلەر تور بېتى دۇنيادا زىيارەت قىلىنىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان خەۋەرلەر تور بېتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. Google شىركىتى 2002 - يىلى ئېنگلىزچە خەۋەرلەر تور بېتىنى قۇرۇپ چىققان. يېڭى تۈردىكى ئاددىلاشتۇرۇلغان Google خىتايچە خەۋەرلەر تور بېتى بولسا بۇ يىل 9 - ئايدا مەيدانغا كەلگەن.

كوممۇنىست خىتاي قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ كەلدى؟

Google ئېنگلىزچە تور بېتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان، نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق خىتاي دىموكراتىيىچىسى تاڭ ئەفەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، " كوممۇنىست خىتاي ئەزەلدىن مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. بىرى قانلىق باستۇرۇش، يەنە بىرى بولسا يالغان گەپ قىلىپ، خەلقنى ئەخمەق قىلىش. ئۇلار ھەر زامان مەتبۇئاتلاردا بېرىلىۋاتقان راستچىل خەۋەرلەرنى توسۇش ئارقىلىق، ھەقىقەتنى خەلقتىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، شۇنداقلا خەلقنى يالغان گەپنى ھەقىقەت ئورنىدا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

تاڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە " Google شىركىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىغا ماقۇل دېگۈسى يوق. لېكىن، ئۇلار "سودا، مەنپەئەت" دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان" دەپ كۆرسەتتى:

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكىدەك كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ Googleنىڭ ئېنگلىزچە خەۋەرلەر تور بېتىنى توسىغانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۆز ئوي- پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

"بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم Google ئېنگلىزچە خەۋەرلەر تور بېتىنى توسىغانلىقى بۇندىن ئىلگىرىكى Google خىتايچە تور بېتىنى توسىغانلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى توسۇشتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېقىندىن ئۇيان بىز شۇنى سەزدۇقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىدىئولوگىيە ساھاسىدىكى كونترول قىلىشنى كۈچەيتمەكتە. يەنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇنى بىز خۇ جىنتاۋنىڭ قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدىنلا سەزگەن. يېقىندىن بۇيان خىتايدا بىر تۈركۈم يازغۇچى، ۋە زىيالىلار قولغا ئېلىندى، بۇمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر سىگنال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان، ھېچقاچان خەلقئارا جەمىيەتكە يېقىنلىشىشنى ئويلىمىدى، ئۇلار داۋاملىق ماۋ زېدۇڭ ۋە دىڭ شاۋپىڭنىڭ قوللانغان سىياسىتى ئارىسىدا داۋالغۇپ يۈردى. ھازىر خۇ جىنتاۋ بولسا ماۋ زېدوڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى كونترول قىلىشنى ئويلىماقتا. يېقىندا خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ جىياۋ گو بياۋ قاتارلىق 6 نەپەر زىيالىنى مەتبۇئاتلاردا ماقالە ئېلان قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى ناھايىتى جانلىق بىر ئىسپات بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دىمەك خىتاي ھۆكۈمىتى قايتىلاپ سولچىللىق يولغا مېڭىشى مۇمكىن، خەلقئارا جەمىيەت بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يول قويماسلىقى كېرەك."

"چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنگلىزچە خەۋەرلەر تور بېتىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە ، Google شېركىتىدىن تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. (مېھرىبان)