
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېف لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن سابىق دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەخسۇس رۇسىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ھېس قىلغان بۈگۈنكى يېڭى چۈشەنچىلىرى ھەققىدە توختالدى. بۇ گورباچېفنىڭ رۇسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارا جەمىيەتكە ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ يېقىنقى كۆز قاراشلىرىدىن بولۇپ، ئۇ رۇسىيىنىڭ يېڭى تەھدىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى شەرھلىدى.
كرېمىلدا ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش داۋاملاشماقتا
70 يىللىق كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى ھالاكەتكە ئېلىپ كەلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېف ئەنگىلىيىدىكى "The Times" ( "دەۋەر") گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتە رۇسىيە يۇقىرى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا جىددىي ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچى كۈرىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنداق كۈرەشنىڭ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن مىخائىل گورباچېف ھازىرقى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۇ رۇسىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى سول قاناتلار ئېقىمىغا مەنسۇپ ئۇرۇشخۇمارلىق خاراكتېرىگە ئىگە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى KGB سىدىن كېلىپ چىققان گۇرۇپپىنىڭ پرېزىدېنت پۇتىننى تىجارەت ئىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىتتىرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا ھەقىقىي كۈرەش داۋاملاشماقتا، ئۇنىڭ قارىشىچە؛ مەزكۇر يېڭى ئەركىنلىك ئىدىيىسىدىكى كىشىلەر رۇسىيە خەلقى ئۈچۈن خۇشاللىق ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن.
گورباچېف: رۇسىيەدە كوممۇنىزمغا قايتىش يۈز بەرمەيدۇ
مىخائىل گورباچېف ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ يولدا تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەش بىلەن " مەن ئۇنىڭ (پۇتىنىڭ) خەلقنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن. ئۇ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، رۇسىيىدىكى ھاكىممۇتلەقلىق خائىشلىرىنىڭ ئەۋجى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىزمغا قايتىشنىڭ ئەسلا قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ھەقىقەتەن، رۇسىيە ۋە بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە كوممۇنىستىك پارتىيە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار دائىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشكە تىرىشماقتا. رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېشىپ قالغان كوممۇنىستىك پارتىيە قالدۇقلىرى ۋە سوۋېت دەۋرىنى سېغىنىدىغان كىشىلەر ئەلۋەتتە يەنىلا شۇ كونا پىكىرلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. گورباچېف ئۆز پىكرى ئارقىلىق بۇ تۈزۈمنىڭ قايتىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
گورباچېف ئۆزىگە باھا بېرىپ، ئۆزىنى سوتسىيال دېموكرات دەپ ئاتىغان ھەمدە رۇسىيىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان پارىخورلۇق شۇنىڭدەك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەركىنلىكنىڭ كۈنسايىن ئازلاۋاتقانلىقى، بارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ياكى بايلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن " پارىخورلۇق بىلەن پەقەت ئەركىن مەتبۇئات بار بولغان دېموكراتىك مەملىكەتتىلا كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ" دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.
گورباچېفنىڭ پۇشايمىنى
مىخائىل گورباچېف مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى سىستېمىسىنى دېموكراتىيىلەشتۈرگەن ئاساستا قايتا تەشكىللەش ۋە قايتا قۇرۇش پروگراممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئەشۇ كىشىلەرگە قاتتىقراق چارە قوللانمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ يەنىلا سابىق جۇمھۇرىيەتلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەيىبلىسىمۇ، بىراق بىر نەرسىدىن يەنى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆكتىچىلىك قىلغانلارغا تانكا ئەۋەتىپ باستۇرمىغان رۇسىيە رەھبىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن ماختىنىدىكەن.
ھەقىقەتەن ئەينى ۋاقىتلاردىكى تارىخىي پاكىتلارغا تايانغاندا مىخائىل گورباچېف دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئوچۇق ۋە ئەركىن جەمىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى ، سوۋېت ئىتتىپاقى سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى ياكى باشقا بىر خىل نام ئاستىدىكى يېڭىچە مۇناسىۋەتتىكى ئىتتىپاداشلىق شەكلىگە ئۆزگەرتىشنى، جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى بېرىشنى ئويلاشقان. ئەمما ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كېلىشىنى خالىمىغان ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي رەقىبى بورىس يېلىتسىن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شۇئارى بىلەن مەيدانغا چىققان ئىدى.
مىخائىل گورباچېف ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاساسلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىغقان مەبلىغى ئاساسىدا موسكۋادا گورباچېف فوندى جەمىيىتى قۇرۇلغان. مىخائىل گورباچېف دائىم غەرب دۇنياسىغا بېرىپ، خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت، رۇسىيە ۋەزىيىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە ئۆز نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، بۇنىڭدىن كىرگەن ھەقلەرنى ئۆز فوندى جەمىيىتىگە ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرى مىخائىل گورباچېف ئۆزىنىڭ قايتىدىن رۇسىيىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)