
70 يىللىق مۇستەبىت ئىمپېرىيىنى يوقىتىپ، دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېۋ يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ پات يېقىندا ھازىرقى رۇسىيە ۋە پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش سىياسىتى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىگە ئائىت مەخسۇس كىتابىنى نەشىر قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. موسكۋادىكى گورباچېۋ فوندىمۇ رەسمى يوسۇندا مىخائىل گورباچېۋنىڭ " قايتا قۇرۇش ھەققىدىكى چۈشىنىش نېمە ئۈچۈن ھازىرمۇ مۇھىم؟" دېگەن تېما ئاستىدىكى كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گورباچېۋ ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگىنىگە 15 يىل بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنى يوقىتىش ۋە ساقلاپ قېلىش ھەمدە گورباچېۋ يۈرگۈزگەن " قايتا قۇرۇش" تىن ئىبارەت دېموكراتىك ئىسلاھات شۇنىڭدەك بۈگۈنكى رۇسىيە ھەم پرېزىدېنت پۇتىنغا ئائىت بىر قاتار تالاش-تارتىشلار ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .
گورباچېۋ يېلتسىننى دۆلەتنى بۇزىۋەتتى دەپ ئەيىبلىدى
رۇسىيىنىڭ www.newsru.com ناملىق ئىنتېرنېت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىخائىل گورباچېۋ سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىننى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا "دۆلەتنى بۇزىۋەتتى" دەپ باھا بەرگەن.
گورباچېۋ " بورىس يېلىتسىن دۆلەتنىڭ بايلىقىنىڭ بىر قانچە ئادەملەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىشىگە يول قويغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا غەرب ھېچقاچان يېلتسىننى تەنقىد قىلمىدى"دەيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش مەسىلىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەندە بورىس يېلىتسىن بىلەن مىخائىل گورباچېۋ ئارىسىدا ئۆتكۈر كۈرەش داۋاملاشقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ "گلوستنوستى" ۋە "قايتا قۇرۇش" دەپ ئاتالغان سىياسىي ئىسلاھاتى ئارقىلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى دېموكراتىيىلەشتۈرگەن مىخائىل گورباچېۋ ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىراقلا پارچىلىنىپ كېتىشىنى خالىمىغان بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دېگەن ئاتالغۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، " ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ئاستىدىكى "ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى" ۋە ياكى باشقا بىر خىل نام ئاستىدىكى يېڭى ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرمەكچى بولغان ئىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، بورىس يېلىتسىن دادىللىق بىلەن مەيدانغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىراقلا پارچىلىنىپ كېتىشىنى تېزلەتكەن ئىدى. شۇڭا ، گورباچېۋنىڭ باشتىن ئاخىرى يېلتسىنگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مىخائىل گورباچېۋنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەنە شۇ يېلىتسىن قالايمىقان قىلىۋەتكەن رۇسىيىنى تۈزەشكە ئىنتىلمەكتە ھەمدە ئۇ تېخىمۇ ئىجتىمائىي -دېموكراتىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، سەھىيە ۋە مائارىپ جەھەتلەردە ياخشىلاش ئېلىپ بېرىشقا قاراپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بىراق، غەرب رۇسىيىنىڭ باش كۆتىرىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
گورباچېۋنى پەقەت كونا كوممۇنىستلارلا ئەيىبلەيدۇ
مىخائىل گورباچېۋ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كىتابنى يازغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىنى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قايتا قۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارغىمۇ بېغىشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1985-يىلىدىكى قايتا قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى 1917-يىلىدىكى ئىنقىلاب ۋە 40-يىللاردىكى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئوخشاش ئۈچ ئەھمىيەتلىك زور ۋەقەنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر رۇسىيىدە يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى قايتا قۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا، بىر قىسىم ئادەملەر ئۇنىڭغا سەلبىي باھا بەرمەكتە، لېكىن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ئاشكارىلىدىكى يەنىلا 77% رۇسىيىلىك ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاشنى خالايدۇ، مانا بۇ دېموكراتىيە ئەنە شۇ قايتا قۇرۇشنىڭ مىراسىدۇر.
مىخائىل گورباچېۋنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت ئەشۇ مەزگىلدىن ئېشىپ قالغان كونا كوممۇنىستلار، ئەينى ۋاقىتتا رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاقتۇرغان سىنىپلار شۇنىڭدەك ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى گورباچېۋ يۈرگۈزگەن دېموكراتىك ئىسلاھات يەنى قايتا قۇرۇشنى يامان بولدى دەپ ئەيىبلەيدۇ، ئۇلار گورباچېۋنى سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىمىرىۋېتىشكە ئېلىپ كەلگەن دەپ چۈشىنىدۇ. " مەن ئۇلارنى چۈشىنىمەن، چۈنكى ئۇلار قىيىنچىلىقتا ياشىماقتا، بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن رۇسىيىدە ياشاش ناھايىتى مۈشكۈل، بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئەشۇ يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەيدۇ مىخائىل گورباچېۋ.
گورباچېۋنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى
نەۋسرۇ. كوم ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىخائىل گورباچېۋ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھاياتى بولۇپمۇ، 1999-يىلى ئۇنىڭ ئايالى رايىسا ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىر قىزى ۋە ئىككى نەۋرىسى بىلەن ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە قېرىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن ساياھەت ئىشلىرىدا جىسمانىي قىيىنچىلىققا يولۇقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مىخائىل گورباچېۋ ئۆزىنىڭ پېنسىيە كىرىمىنى يوشۇرماي ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئايلىق دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان پېنسىيە مائاشى 40 مىڭ رۇبلېي يەنى بىر مىڭ 400 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇ تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆيىدە چېنىقىدىكەن. رۇس تاماقلىرىدىن باشقا ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرنىڭ مىللىي تاماقلىرىدىن ھوزۇرلىنىدىكەن.
غەرب سىياسەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى ھەم ئاخىرقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېۋ كوممۇنىستىك تۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيا يۈزىدە دېموكراتىك ئىسلاھات ئورنىتىلىشنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ئەربابتۇر. شۇڭا ئۇ غەرب دۇنياسىدا زور ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ھەر يىلى كۆپ قېتىم ئامېرىكا قاتارلىق غەرب مەملىكەتلىرىگە كېلىپ، سىياسەتچىلەر ساھەسى ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئىلىم دەرگاھلىرىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. گورباچېۋ دائىم دېگۈدەك رۇسىيىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى، يۈزلىنىشى ھەمدە مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدە تەكلىپلەرنى بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەكلىپلىرى ۋە تەنقىدلىرى مەتبۇئاتلارنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ كۆپلىگەن خەلقارالىق مۇكاپاتلارنىڭ ئېرىشكۈچىسىدۇر .
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مىخائىل گورباچېۋ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ بىلگەن، ئۇ 1997 -يىلى ئۆزىنىڭ چوڭ ھەجىملىك كىتابىنىڭ بىرىنچى بېتىگە " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم" دەپ ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا تەقدىم قىلغان ئىدى. گورباچېېۋ 1992-يىلىدىن ئېتىبارەن خەلقارالىق گورباچېۋ فوندىنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە. (ئۈمىدۋار)
