گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋاقىت چەكلىمىسى كېچىكتۈرۈلدى


2004.10.11

پاكىستاندىكى ئىككى خىتاي ئىنجېنىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان قوراللىق مۇسلىمان پىدائىلار، پاكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى دەرگاھىنى قورشىۋالغان پاكىستان قىسىملىرى چېكىنمىگەن تەقدىردە گۆرۈدىكى ئىككى خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا مۇسلىمان پىدائىلار گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەن. بىراق ھازىر كېچىكتۈرۈگەندىن كېيىنكى ۋاقىت چەكلىمىسى توشۇپ بولدى، گۆرۈدىكى تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. رايۇندىكى مۇسلىمان پىدائىلارنىڭ قوماندانى ئابدۇللا مەسئۇد، قورشاۋ ئىچىدىكى پىدائىلارنىڭ قورشاۋدىن ئامان- ئىسەن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان تەقدىردە گۆرۈدىكى ئىككى خىتاينىڭ ئۆلتۈرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سابىق تالىبان كوماندىرى ئابدۇللا مەسئۇد، يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى جاندۇلايدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋالدى. ئۇ پاكىستان ئامانلىق قىسىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ گۆرۈدىكىلەرنى قوراللىق كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ھەركىتى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلتۈرۈلېشىگە سەۋەپ بولىدۇ دەپ تەكىتلىگەن.

ئابدۇللا مەسۇدنىڭ قول ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلەر گۆرۈدىكىلەرنى جەنۇبىي ۋازىرىستاننىڭ چاقمالاي رايۇنىدىكى بىر جايدا تۇتۇپ تۇرماقتا. بۇ جاي پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ 330 غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. پاكىستان قىسىملىرى گۆرۈگە تۇتقۇچى پىدائىلارنى قورشىۋالغان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافتاب ئاخمەد خان شېرپونىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان قورشاۋ ئىچىدىكى پىدائىلار، تەلىپى قاندۇرۇلمىغان تەقدىردە گۆرۈدىكى تۇتقۇنلارنى قوشۇپ پارتىلتىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، گۆرۈگە ئالغۇچىلار پاكىستان تۈرمىسىدىكى ئىككى ئۆزبەك مۇسلىمان پىدائىنى ئازات قىلىشنى تەلەپ قىلدى دەپ كۆرسەتتى. پاكىستاندىكى بېيجىڭپەرەس مەتبۇئاتلار ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئىھتىماللىقى يوق ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى. ئامما خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنىڭ رايۇندىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇش ئىھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافتاب ئەخمەد خان شېرپو، گۆرۈگە ئالغۇچى پىدائىلار ئىچىدە ئىككى ئەرەپ، ئىككىسى پاكىستان پۇخراسىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پاكىستاندىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر مۇخبىرىمىزغا ئافغانىستان دائىرلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى تېخى ئۇيغۇرلارغا چاتمىغانلىقىنى ئېيتتى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەملدارى، رايۇندىكى قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ پىدائىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇسلىمان پىدائىلار يەنە پاكىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي ۋازىرىستان قەبىلىلەر رايۇنىدىكى ھەربىي ھەركىتىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان قىسىملىرى بۇ يىل 4 - ئايدىن بېرى مەزكۇر رايۇندا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، جەنۇبىي ۋازىرىستاندا يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەل قايدە بىلەن مۇناسىۋېتى بار دەپ قارالغان ئۆزبەك، چېچەن ۋە ئەرەپ مۇسلىمان پىدائىلاردىن نەچچە يۈز كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

ئۆزىنى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى مۇسلىمان پىدائىلارنىڭ كاماندىرى دەپ ئاتىۋالغان ئابدۇللا مەسئۇد، بۇ يىل 3 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ئارلىدىكى مەھبۇسلار لاگىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، گۇئانتانامودىكى ئابدۇللا مەسۇدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 مەھبۇسنى ئامېرىكىغا تەھدىت سالمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخبارات قىممىتى قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن قويۇپ بەرگەن. ئابدۇللا مەئۇسۇد تەۋە بولغان قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى دۈشەنبە كۈنى پىدائىلار كوماندىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ ۋەقە يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى خىتايلارغا ئالاقىدار ۋەقەلەرنىڭ 3 - بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاينىڭ پاكىستاندىكى گۋادار دېڭىز پورت قۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىۋاتقان 3 تېخنىك خادىمى بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن. 8 - ئايدا ئافغانىستاندا يول ياساۋاتقان 11 نەپەر خىتاي ئىشچى قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن.

رايۇندىكى خىتاي نىشانلىقىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۈركىيە ياۋرۇ- ئاسىيا ستىراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ۋەقەنىڭ خىتاي سۇ ۋە ھىدرو ئېنىرىگىيە شىركىتى قاتنىشىۋاتقان رايۇندىكى گومال زام سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئىھتىمالىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 5 - ئايدا گۋاداردىكى پورت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي تېخنىكلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى، گۋاداردىكى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ نارازىلىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارالغان. پاكىستاندا گۆرۈگە ئېلىنغان خىتايلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي سۇ ۋە ھىدرو ئېنىرگىيە لاھىيىلەش شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئىدى. ئۇلار پاكىستان بىلەن خىتاي ھەمكارلىقىدىكى 203 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان گومال زام سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشۇغا قاتنىشىۋاتاتتى. پاكىستان خىتاينىڭ رايۇندىكى ئەڭ يېقىن ستىراتىگييىلىك دوستى، بىراق پاكىستان يۇقىرقى ۋەقە مۇناسىۋېتى بىلەن بېيجىڭ دائىلىرىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمىغا دۇچ كەلدى.

پاكىستاندا تۇرۇشلىق خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ چۈنشىڭ دۈشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارى رىياز قاھار بىلەن جىددى كۆرۈشۈپ، بېيجىڭ گۆرۈدىكى خىتايلارنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزگەن. ئۇ يەنە گۆرۈدىكى خىتايلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي تەرەپنى ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. رىياز قاھار، پرىزىدېنت مۇشەررەفنىڭ پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە يەرلىك دائىرىلەرگە كرىزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈرۈپ، خىتاي باش ئەلچىسىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماسۇد خان، ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، بىر خاتالىق يۈز بەرمەسلىگى ئۈچۈن ئىھتىياتچان تەدبىرلەر ئېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.