پاكىستاندا گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى قانلىق ئاخىرلاشتى
2004.10.14
پاكىستان قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي ۋازىرىسىتاندىكى خىتاي تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى قانلىق ئاخىرلاشتى . گۆرۈدىكى خىتاي تۇتقۇنلارنىڭ بىرى پاكىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن قۇرتۇلدۇرۇۋېلىندى , تۇتقۇنلارنىڭ يەنە بىرى قۇتقۇزۇش ھەركىتى جەرىيانىدا ئۆلدى . ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ئىنجېنىرنىڭ ئىسمى ۋاڭ پىڭ بولۇپ ، ۋاڭ ئېندى ئىسمىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ يەنە بىرى قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى . گۆرەدىكى خىتاي تۇتقۇنلار جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى گۇمال زام سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي سۇ ۋە ھىدرو ئېنىرگىيە قۇرۇلۇش شىركىتىگە تەۋە خادىملار بولۇپ ، ئۇلار 9 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى مۇسلىمان پىدائىلارنىڭ قوماندانى دەپ ئاتىۋالغان سابىق تالىبان كاماندىرى ئابدۇللا مەسئۇدنىڭ قول ئاستىدىكى مۇسلىمان پىدائىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان .
پاكىستان ئامانلىق قىسىملىرى پەيشەنبە كۈنى گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ چاقمالاي رايۇنىدىكى تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قوزغىدى . پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى شەيخ رەشىدى ، ئالاھىدە ھەركەت قىسىملار گۆرۈدىكى خىتايلار تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۆيدىن ئوق ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن مۇسلىمان پىدائىلار تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى . پاكىستان ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى ، قۇتقۇزۇش جەرىيانىدا ئۆلگەن خىتاي ئىنجېنىر پىدائىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن . خىتايلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان بەش نەپەر مۇسلىمان پىدائى پاكىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى . پاكىستان ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى گېنېرال شاۋكەت سۇلتان ، قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجە قازىنايمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ئامانلىق قىسىملىرى پىدائىلار تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلدى . گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ بەشىلىسى ئۆلتۈرۈلدى . گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنىڭ بىرى قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى .
ئابدۇللا مەئۇدنىڭ قول ئاستىدىكى مۇسلىمان پىدائىلار گۆرۈدىكى خىتايلارنى جەنۇبىي ۋازىرىستاننىڭ چاقمالاي رايۇنىدىكى تۇرالغۇسىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتى . پاكىستان پايتەختى كابۇلنىڭ 330 ك م غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان بۇ جاي پاكىستان ئامانلىق قىسىملىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان . پاكىستان دائىلىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 6 كۈندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئېلىپ باردى . بۇ جەرىياندا پاكىستان ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى قەبىلە ئاقساقاللىرىنى ئابدۇللا مەخسۇد بىلەن تۇتقۇنلار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا يوللىغان ، بىراق پىدائىلارنىڭ تۇرالغۇسى سۆھبەت داۋام قىلىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى . پىدائىلار پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى ھەربىي ھەركىتىگە خاتىمە بېرىش ، پاكىستان تۈرمىسىدىكى ئۆزبەك مۇجاھىتلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان
ئابدۇللا مەسئۇد 10 - ئۆكتەبىر كۈنى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى جاندۇلايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ ، پاكىستان ھۆكۈمىتى شەرتىنى قوبۇل قىلمىغان ئەھۋالدا " تۇتقۇنلارنىڭ بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن " دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى . ئۇ ، ھەر قانداق كىشىنىڭ گۆرۈدىكىلەرنى قورال كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ھەركىتى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەپ بولىدۇ دەپ تەكىتلىگەن . پاكىستان خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىراتىگىيەلىك دوستى ، بىراق بۇ ۋەقە مۇناسىۋېتى بىلەن پاكىستان خىتاينىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى كۈچلىك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن . پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسۇرى ، پەيشەنبە كۈنى ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ، خىتاي ئىنجېنىرى ۋاڭ پىڭنى قۇتۇلدۇرالمىغانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئەپۇ سورىدى .
ئۇ ، پاكىستان دائىلىرى خىتاي تۇتقۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەت قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دەپ تەكىتلىگەن . ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندىكى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا قاتتىق تەدبىرلەر ئالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان . پاكىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ چۈنشياڭ ئالدىنقى كۈنى پاكىستان تاشقى ئىلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارى رىياز قاھار بىلەن كۆرۈشۈپ ، گۆرۈدىكى خىتايلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان . بىراق بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ھەركىتى تۇتقۇنلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشتى . خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ چۈنشياڭ ھال سورىغىنى كەلگەن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىگە ، ئىسلاماباد دائىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن رەخمەت ئېيتتى .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆلگەن خىتاي ئىنجېنىرنىڭ جەسىتى شۇ كۈنى پاكىستان پايتەختىگە ئېلىپ كېلىنگەن . خىتاي ئىنجېنىرلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە پاكىستان - ئافغانىستان رايۇنىدىكى خىتاي گرازدانلىرىغا ئالاقىدار 3 - ۋەقە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاينىڭ پاكىستاندىكى گۋادار پورت قۇلۇرۇشىغا ياردەملىشىۋاتقان خىتاي تەخنىكلارنىڭ ئۇچى ، ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەرەللىك بومبىنىڭ پارتىلىشى بىلەن ئۆلگەن . بۇ يىل يەنە ئافغانىستاندا يول ياساۋاتقان خىتاي ئىشچىلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ، 11 خىتاي ئىشچى ئۆلگەن ئىدى . (ئەركىن)