گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا


2007.05.23

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىر قانچە كۈنلەردىن بېرى، خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسى بوبەي ناھىيىسىدە توپىلاڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ كەلدى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرى يەنە گۇاڭشىدىن بۇ ئەھۋالنى بىۋاستە ئىگىلەپ تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە جاۋاب ئالالمىغان بولۇپ، 23 ‏- ماي كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ھەقىقەتەن 28 ئادەمنىڭ توپىلاڭ سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ.

بۇ قېتىمقى توپىلاڭ خىتايدا يېقىندىن بېرى يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ توپىلاڭدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، گۇاڭشىدىكى ئەڭ نامرات بوبەي ناھىيىسىدە زور كۆلەمدە توپىلاڭ يۈز بېرىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەن شۇنىڭدەك توپىلاڭدا نەچچىلىگەن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ، نەچچە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارالدى.

بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا يەنە، ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى، ماشىنىلارنىڭ ئۇرۇپ چىقىپ ئۆرىۋىتىلگەنلىكى، ئىشخانىلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئادەم ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلدى.

بۇ قېتىمقى توپىلاڭ ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، گۇاڭشى بوبەي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توپلۇشۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسىدە، خەلق ئاممىسى بىلەن ساقچىلار قاتتىق توقۇنۇشقان ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى ئالما گېزىتىدە توپىلاڭغا قاتناشقان ئادەم سانى 50 مىڭغا يېتىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ، دۇڭفاڭ گېزىتىدە بولسا 10 مىڭ ئادەم دېيىلگەن. خوڭكوڭ دۇڭفاڭ گېزىتىدە يەنە توپىڭلاڭدا 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 ىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ توغرىلىق بەرگەن خەۋەرلىرىدە، بو بەي ناھىيىسىدىكى 6 يېزا ۋە كەنتتە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، شاپو كەنتىدە دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قوپال سىياسەت يۈرگۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

خەلق ئاممىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىنى " ئۈچ خىل تۈگىتىش سىياسىتى" دەپ ئىسىم قويۇپ، " قولغا ئېلىپ تۈگىتىش" " جەرىمانە قويۇپ تۈگىتىش" "ئاختۇرۇپ تۈگىتىش " دەپ ئاتىغان ۋە بۇ ئۈچ خىل سىياسەت بىلەن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەن ئاممىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى نارازىلىق ھەرىكىتى، زوراۋانلىق توقۇنۇشى بىلەن ئاياقلاشقان بولۇپ ، كەنت ھۆكۈمىتىنىڭ بىناسى ئالدىدىكى ۋە قوراسى ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ، موتوسكىلىتلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، نۇرغۇن ئىشخانىلارمۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ خادىمى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئوت قۇيۇش ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

مەتبۇئاتلاردا توپىلاڭدا ئاز دېگەندە 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنى رەت قىلماقتا

ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 5 ئادەم ئۆلگەنلىكى، نەچچە ئون كىشى يارىلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ھەمدە ئۆلگەنلەر نامايىشقا قاتناشقۇچىلار، ساقچى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . بىراق ھۆكۈمەت ئىزچىل تۈردە توپىلاڭدا ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك بۇ قېتىم يۈز بەرگەن توپىلاڭنىڭ سەۋەبى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قوپاللىق بىلەن ئىجرا قىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، خەۋەرلەردە بو بەي ناھىيىسىنىڭ بۇ يىل 28 خىل سىياسەت تۇرغۇزۇپ، " تۆمۈردەك ئىرادە"، " تۆمۈردەك ۋاستە"، " تۆمۈردەك ئىنتىزام" دېگەن چارە - تەدبىرلەر بىلەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

مەزكۈر ناھىيىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرىدە ، 1980‏- يىلىدىن كېيىن ئارتۇق تۇغۇلغان بىر بالا ئۈچۈن ، 70 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش بېكىتىلگەن. ئالما گېزىتى، بوبەي ناھىيە نا بۇ كەنت ئاھالىسى لىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ":ئەگەر دېھقانلار ئارتۇق تۇغۇلغان بالا ئۈچۈن جەرىمانە تۆلىيەلمىسە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاختۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ، ئۆي ئىچىدە پۇلغا يارايدىغان ئېلىكترىك ئەسۋابلار بولسۇن، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان قوراللار بولسۇن شۇنىڭدەك چوشقا، كالا ، قوي، توخۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ" .

لى سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ": دېھقانلار بىر يىلدا ئاران نەچچە يۈز يۈەن پۇل يىغالايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر جەرىمانىسىنى ھېچكىم تاپشۇرالمايدۇ، دېمەك بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى تار يەردە قىستىشى بولماي نېمە، نۆۋەتتە پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىدىن 80 ئى باشلىرىغا تۆمۈر قالپاق ، ئۇچىسىغا مەخسۇس فورم كىيىپ،قوللىرىدا توك كالتەك، قول سىرتماقلىرىنى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى دېگۈدەك كەنتكە كېلىپ، ئىككى ئائىلىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۆي ئىچىدىكى نەرسە ‏- كېرەكلەرنى يۆتكەپ كېتىۋاتىدۇ" .

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇش ۋە رەت قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرى بوبەي ناھىيىسى شابى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفۇن ئۇرۇپ، ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۈرۈشتە قىلغاندا ، ئىشخانا خادىملىرى مۇخبىرغا " بۇ ئىشلاردىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق، رەھمەت سىزگە " دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.

مۇخبىر يەنە، بوبەي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفۇن ئۇرغان، خىزمەتچى خادىم" خاپا بولمايسىز، بۇ ئىشتىن ئېنىق خەۋىرىم يوقكەن، مەن بۇ يەردە نۆۋەتچىلىك قىلىمەن، ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، باش شىتاب بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك" دەپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى مۇخبىرغا بەرگەن، بىراق ئۇنىڭ بەرگەن تېلېفۇن نومۇرى ھېچ ئېلىنمىغان.

مۇخبىر بوبەي ناھىيە پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇت قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش تۈپەيلى كېلىپ چىققان توپىلاڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى سورىغان. بىر پىلانلىق تۇغۇت خادىمى بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان.

مۇخبىر ھېچقانداق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئاخىرى بوبەي ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفۇن ئۇرغان ۋە ساقچى ماشىنىسىنىڭ كۆيدۈرۋىتىلگەنلىك ۋەقەسىنى سورىغان، قارشى تەرەپ " يۇقىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئاندىن سىزگە جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ. ئەھۋال ھەققىدە مېنىڭ تولۇق مەلۇماتىم يوق ، ئەڭ ياخشىسى تېلېفوننى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ئۇرۇڭ " دەپ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتكەن. مۇخبىر ھەرقانداق قىلىپمۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېلېفونىغا ئۇلىشالمىغان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ، گۇاڭشى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ خادىمى، ئۆتكەن يىلى بو بەي ناھىيىسىدە ئارتۇق پەرزەنت ئېلىش ئەھۋالى ئەۋج ئالغانلىقىنى، گۇاڭشى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى سۆلەپ بەرگەن، بىراق زوراۋانلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى رەت قىلغان.

بوبەي ناھىيىسىدىكى خەلق ئاممىسى، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ بوبەي ناھىيىسىدىكى ئاياللارغا مەجبۇرىي ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن سىرت، ھەتتا توي قىلمىغان بىر ياش قىزنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان . بىراق بۇ ۋەقەنىڭ راست ‏- يالغانلىقى ئىسپاتلانمىغان.

يەنە بەزى كىشىلەر، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ، ئارتۇق پەرزەنت كۆرگۈچىلەرنىڭ بانكا ھىساب نومۇرلىرىنى توڭلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان بولۇپ، ئەگەر ئۈچ كۈنگىچە جەرىمانە تۆلىمىسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بانكىدىكى پۇللىرى كۆيىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يالغۇز خىتاي مىللىتى ئۈچۈنلا يولغا قويۇلغان بولماستىن، خىتاي بولمىغان، خىتاي نوپۇسىدىن ئالاھىدە ئاز دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىنمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا . چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئىپادىلەشتىن سىرت، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش باھانىسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلماقتا.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.