بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (1)
2006.06.02
2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 -كۈنى 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى' دا ئاندرۇ ھىگگىننىڭ ئالبانىيىنىڭ تىرانا شەھىرىدە يازغان، گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىلگەندىن كېيىن ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر جايدا پاناھلانغان "بەش مۇسۇلماننىڭ ھېكايىسى" دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا بەش ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈككە چىققاندىن كېيىن ساقال -بۇرۇتىنى چىرايلىق ياساپ، پەسلگە باپ كىيىم كىيىپ بىللە چۈشكەن رەسىمى بېسىلدى. ماقالىنىڭ قۇشۇمچە ماۋزۇسى 3 قۇرغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ كىشىلەر ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئاقلاندى؛ زىيانكەشلىك قىلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلمىدى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا، دېگەن ئۇچۇرلار بايان قىلىنغان.
ئابابەكرى قاسىم: ئەمما بىز بۇنداق ئەركىنلىكنى كۈتمىگەن ئىدۇق ...
- ئەل-قائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار گۇمانلىق تېررورچى' دەپ قارىلىپ ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو بازىسىدا 4 يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ئايدا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئابا بەكرى قاسىم ھازىر ئابالىنىيىنىڭ تىرانا شەھىرىدە، - دەپ ماقالىسىنى باشلايدۇ 'ۋولت سترىت جۇرنىلى' نىڭ يازغۇچىسى ئاندرۇ ھىگگىنس، - ئۇ ئۆزىدىن باشقا يەنە تۆت نەپەر مۇسۇلمان خىتاي پۇقراسى بىلەن بىللە يېرىم كېچىدە پۇت -قولى كىشەنلەنگەن ھالدا، ئامېرىكىنىڭ ترانسپورت ئايروپىلانى بىلەن 12 سائەت ئۇچۇپ، ھازىرقى يېڭى پانايى بولغان ئالبانىيىنىڭ پايتەختى تىرانا شەھىرىدىكى بىر ھەربىي لاگىرغا كەلگەن ئىدى. بۇ لاگىر ئەخلەت دۆۋىلىنىپ تۇرىدىغان پولولېت كۇچىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئىگىز تېمى بار. ياتاقلارنىڭ دېرىزىلىرىدىن سىرتىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ بەش ئۇيغۇر ۋاقتىنچە مۇشۇ جايدا تۇرىۋاتىدۇ. ئادەتتە ئۇلار يىراققا بارمايدۇ. بالقان يېرىم ئارىلىدىكى مۇشۇ دۆلەتتە بۇ بەش كىشىنىڭ تۈركىيچە ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. - ئاللاھ ھازىر بىزنىڭ قانچىلىك چىداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى سىناۋاتسا كېرەك دەپ ئويلايمەن، - دەيدۇ خىتاينىڭ غەرپ تەرىپىدىكى ئەتراپىنى چۆل -جەزىرە ۋە تاغلار قاپلاپ تۇرىدىغان، ئۇزۇن تارىختىنن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن، ئۆزى ئاللىقاچان 3 بالىغا ئاتا بولۇپ بولغان 37 ياشلىق ئابابەكرى قاسىم ئەپەندى، - ھازىر بىزنىڭ ئىرىشكىنىمىز ئەركىنلىك، ئەمما بىز بۇنداق ئەركىنلىكنى كۈتمىگەن ئىدۇق، - دەيدۇ ئابابەكرى قاسىم بۇ جاينىڭ ئەتراپىدىكى داتلىشىپ كەتكەن سىم توساقلارنى قولى بىلەن كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ. - ئامېرىكا دائىرىلىرى ئابابەكرى قاسىم ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىشتىن ئىككى يىل بۇرۇن، ئۇلارنى ئالىدىغان بىرەر دۆلەتنى ئىزلىدى. ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىمىدى، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاندرۇ ھېگگنس ئەپەندى، - چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى بۇ رايوندا كوممۇنىست ھاكىمىيىئىتنى تەنقىت قىلىدىغان ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇيىدا بولغان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق جازالايتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشىنىمۇ ياقلىمايتتى. شۇڭلاشقا ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن سۆزلىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى رەت قىلدى ياكى ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە يۈكلىۋېلىپ، خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى. پەقەت كوممۇنىستلارنىڭ ۋەھشىلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان، ناھايىتى كۆپ مۇئۇسۇلمان نۇپۇسى بار نامرات ئالبانىيە بۇ يىل 4 - ئايدا بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى.
ئالبانىيە: خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاڭ-چۇڭى بىزنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ
- بۇ بەش ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغان قارار 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسى بار ئالبانىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ناھايىتى چوڭ قارىمۇ-قارشىلىق پەيدا قىلدى. - دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاندرۇ ھېگگىنس، - بۇ بەش ئۇيغۇر تىراناغا يېتىپ كەلگەندىنن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەرگەنلىكى 'ساختىپەزلىك' دەپ ئېيىپلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بەش ئۇيغۇرنى داۋاملىق ھالدا 'گۇمانلىق تېررورچىلار" دەپ قارىلاپ، ئالبانىيىدىن ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئالبانىيىنىڭ باش مىنىسىتىر سالى بېرىشانىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالبانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇنى قوپاللىق بىلەن ئېيىپلىگەن. - بىز بۇ بەش ئۇيغۇرغا جەننەت بېرىشنى خالايمىز، - دەيدۇ سالى بېرىشا ئەپەندى، ئەمما ئەپسۇسلكى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاڭ-چۇڭى بىزنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. بىز خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپلا كېلىۋاتىمىز. - گۇەنتانامو بازىسىدا ھازىر يەنە تۇتۇپ قۇرۇلۇۋاتقان 460 ئادەم بار، - دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاندرۇ ھېگگىنس، - بۇنىڭ ئىچىدە "دۈشمەن جەڭچىلىرى' ئەمەس دەپ ئېلان قىلىنىپ بولغان كىشىلەرمۇ بار. ئەمما 116 دەك ئادەمنى گۇناسىز، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ دەپ ئېلان قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇچۇر جەھەتتىمۇ بىرەر قىممىتى يوق. گۇناسىز دەپ قارالغان، ئەمما ھازىرغىچە گۇنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار. مەسىلەن: ئۈزبېك زاكىرجان ھەسسەن شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسى پىكرى ئوخشىمايدىغان ئەرباپ . ئۇ ئۈزبېكستانغا قايتۇرۇلۇشقا قەتئى قارشى تۇرىدۇ. ئۈزبېكستانمۇ، خۇددى خىتايدەك بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن بىللە 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش سېپى'گە قاتناشقان، ئەمما كېيىن قولىدا ھېچقانداق قورال بولمىغان ئۆز پۇقرالىرىنىمۇ قاتتىق قوراللىق باستۇردى. شۇڭلاشقا ئامېرىكا گۇەنتانامودىكى كىشلەرنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن، قايتۇرۇلىدىغان دۆلەتتىن كاپالەت ئالماي تۇرۇپ ياكى كەلگۈسىدە ئامرىكىغا چاتاق تاپمايدىغانلىقى ئىسپاتلانمىغىچە ئۇلارنىڭ رەسمىيىتىنى بىجىرمەيۋاتىدۇ. گۇنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىدىنمۇ ئۆتكەن ئايدا 15 كىشى ئۆز دۆلەتىدىن تەكرات -تەكرا ر ۋدە ئېلىپ ئاندىن قايتۇرۇلدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت
- كۆزەتكۈچىلەر ئىسمائىل ئەمەتنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
- گۇەنتانامودىكى يەنە بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
- بەش ئۇيغۇرنىڭ گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە بولغان ئىنكاسلار
- گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن سۆھبەت
- گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار
- خىتاي گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىدىن ھازىرغىچە ۋاز كەچمىدى