بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (2)
2006.06.05
"ۋولت سترىت ژۇرنىلى" نىڭ يازغۇچىسى ئاندرۇ ھىگگىنس ئەپەندى "بەش مۇسۇلماننىڭ ھېكايىسى" دېگەن ماقالىسىدە "ئەل-قائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار گۇمانلىق تېررورچى" دەپ قارىلىپ ئامېرىكىنىڭ گۇئەنتانامو بازىسىدا 4 يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ئايدا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئابابەكرى قاسىم ۋە ئۇنىڭ تۆت ھەمراسىنىڭ ئالبانىيىنىڭ تىرانا شەھىرىدىدىكى ھاياتى جەريانىدا دۇچ كەلگەن تىل توسالغۇلىرى، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانداق بولۇپ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە توختالغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى "ۋولت سترىت ژۇرنىلى" نىڭ يازغۇچىسى ئاندرۇ ھىگگىنس ئەپەندىنىڭ "بەش مۇسۇلماننىڭ ھېكايىسى" نى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان بېرش ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئابابەكرى قاسىمنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئەينى ۋاقىتتا قانداق بولۇپ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.