بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (3)


2006.06.06

2006 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 2 ‏-كۈنى 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى' دا ئاندرۇ ھىگگىننىڭ ئالبانىيىنىڭ تىرانا شەھرىدە يازغان، "بەش مۇسۇلماننىڭ ھېكايىسى" دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالە بىلەن بىللە بەش ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى بېسىلدى. ماقالىنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى 3 قۇرغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ كىشىلەر ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئاقلاندى؛ زىيانكەشلىك قىلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلمىدى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا، دېگەن ئۇچۇرلار بايان قىلىنغان.

مۇخبىرىمىز ۋەلى ‏ "ۋولت سترىت ژۇرنىلى" نىڭ يازغۇچىسى ئاندرۇ ھىگگىنس ئەپەندىنىڭ "بەش مۇسۇلماننىڭ ھېكايىسى" نىڭ داۋامىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئابابەكرى قاسىمنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پاراڭلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.