ئامېرىكا گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
2004.10.28
ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان 3 - بىر دۆلەت ھازىرغا قەدەر چىقمىدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىراق تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىنى خالايدىغان 3 - بىر دۆلەت ھازىرغا قەدەر چىقمىغان. ئامېرىكا بەزى دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى - بەش بۇرجەكلىك بىنا گۇنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قويۇپ بېرىش قارارىغا كەلگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئىجابىي جاۋاب ئالالمىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىتالىيە، فرانسىيە، پورتىگالىيە، ئاۋسترىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مەيدانى ئۆزگەرمىگەن
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "پۇل -مۇئامىلە" ئېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان 3 - بىر دۆلەت چىقمىغان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى جازالىمايدىغانلىقىغا قاتتىق ۋەدە بەرسە تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق بۇ خەۋەر پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دەرھال رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
ئامېرىكا تاسقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوچېر، ئامېرىكىنىڭ گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىگە تۇتقان مەيدانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، " گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەس. بەش بۇرجەكلىك بىنا ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى، بىراق تۇتقۇنلار خىتايغا قايتىشنى خالىمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خىتايغا قايتىپ بارسا جازاغا تارتىلمايدۇ دېگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - بىر دۆلەتنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ".
خىتاي كولىن پوۋېلغا تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

رىچارد بوچېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل 24 ۋە 25 - ئۆكتەبىرلەردە ئېلىپ بارغان خىتايدىكى زىيارىتىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كولىن پوۋېلل بېيجىڭ دائىرىلىرىگە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنى چۈشەندۈرگەن.
"پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بىراق "پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى " گېزىتى گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ توختۇلۇشنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۋېتسارىيە باياناتچىسى برېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىجابىي جاۋاب بەرمىگەنلىكىنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. فىنلاندىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ب د ت نىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. "پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتى، فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جوھاننا سۇرپانىڭ "بىز بۇ مەسىلىگە ب د ت مۇساپىرلار ئالى كومېسارياتىنىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ب د ت مۇساپىرلار كومېسارىياتى تۇتقۇنلار مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان
ئامېرىكا دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئالى كومېسارياتى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. چۈنكى، مەزكۇر ئورگان خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدىكەن. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمىنى ئامېرىكا ئۆزى ئېلىپ قېلىشى كېرەك دەپ قارىماقتا.
" گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەس. بەش بۇرجەكلىك بىنا ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى، بىراق تۇتقۇنلار خىتايغا قايتىشنى خالىمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خىتايغا قايتىپ بارسا جازاغا تارتىلمايدۇ دېگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - بىر دۆلەتنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ".
مەركىزى نيۇ - يوركتىكى "كىشىلىك ھوقۇق كۆزۈتۈش " تەشكىلاتىدىكى تام مالىنوۋسكىي مۇنداق دەيدۇ : "ئەسىرلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئامېرىكا ئۆزى ئېلىپ قېلىش، باشقا دۆلەتلەر يەنە بىر قىسىمىنى ئېلىش ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى بولۇشى مۇمكىن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگىرىدا 22 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ئىلگىرى گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقارقى سەۋەپلەردىن خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
"گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە. بىز گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ. بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - بىر دۆلەتنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمىز. ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ئىھتىماللىقى بولغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز".
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتايلار ئىشەنمەيدۇ
خىتاي ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە ئامېرىكىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىدىكى تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرسە خىتاي قانۇنلىرى بويىچە ئادىل جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ :
"ئۆزلىرى تۈزگەن قانۇنغا ئۆزلىرى خىلاپلىق قىلىۋاتقان دۆلەتكە قانداقمۇ ئىشىنىش مۇمكىن؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن قېتىم ئامېرىكىغا ۋەدىلەرنى بەرگەن. مەسىلەن، رابىيە قادىر ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەن. بولسىمۇ، بىراق ۋەدىسىدە تۇرمىغان".
گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنى قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن تەنقىدلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن بۇ يىل 9 - ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ئۇلار تېررورچىلار، بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.
بىراق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن چېتىشلىقىبولمىغان سىياسى ۋە دىنىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار
كولىن پاۋىلغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پوۋېلل بىلەن لى جاۋشىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا چۈشۈپ قالدى
- كولىن پوۋېل، بېيجىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- كولىن پوۋېلل شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقوق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يۈزلەندى
- خىتاي، پوۋېلنىڭ ئىككى قىرغاق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- كولىن پوۋېلنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سۆزلىرى بېيجىڭ بىلەن تەيبېينى خوشال قىلمىدى