ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇانتانامودىكى ئامېرىكا ھەربى سوتى سەيشەنبە كۈنى، ئاغدۇرۇلغان تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلىنغان بىر ئۇيغۇر مەھبۇس ئۈستىدىن سوت ئاچقان. مەزكۇر ئۇيغۇر مەھبۇس سوتتا ئۆزىنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ بەشىنچى كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر مەھبۇس تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلدى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن، پۈتۈنلەي رۇسچە سۆزلەيدىغان بۇ ئۇيغۇر بالا سوتتا ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىن پاكىستانغا دىنىي تەلىم ئالغىلى بارغانلىقىنى، دەم ئېلىش جەريانىدا ئافغانىستانغا ئۆتكىنىدە، ئافغان ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 2001 - يىلى دېكابىردا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئۇنى ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتىگە ئىشلەيدىغان ئىككى كىشى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغان دەپ ئەيىبلىگەن . بىراق ئۇ بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، سوتتىن ئۆزىنى قاچان قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى سورىغان.
بۇ قېتىمقى سوتقا مۇخبىرلار قاتناشتۇرۇلمىغان . خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ ئۇيغۇر گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 22 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىكەن. مەزكۇر تۇتقۇنلا قازاقىستاندىن كەلگەن بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققانلار ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۆتكەن يىلى نويابىردا گۇانتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇرمۇ سوتقا تارتىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەل - قايدە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي بېسىملىرىدىن قېچىپ ئافغانىستاندا پاناھلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ مەيدانى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ،گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى قاتتىق تەلەپلىرىگە قارىماي، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىشچانلىقى
ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئافغانسىتاندا تۇتۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تۇردى خوجا ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى:
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ دىلولىرىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرغىچە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىكەن.