ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوت ئاچتى

0:00 / 0:00
CUBA-US-ATTACKS-ENDURING-23.jpg
بۇ رەسىم 2002-يىل 18-يانۋار كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئافغانىستاندىن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر گۇئانتاناموغا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى بىر فېدېرال سوت مەھكىمىسى، دۈشەنبە كۈنى گۇئانتانامو بازىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇن ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملەر توغرىسىدا سوت ئېچىپ، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەرزنامىنى تىڭشىدى.

"ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق"

مەركىزى بوستوندىكى بىكھام مىكاچىن قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېت، ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملارنىڭ 2005 - يىلى 26 - مارت كۈنى ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوت كوللىگىيىسى تەرىپىدىن " قانۇنسىز دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس،" دەپ ئاقلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئادۋۇكات سەيبىن ۋىللېتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەس، دەپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملارنى گۇئانتانامودىكى تۈرمىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قانۇنى ئاساسى قالمىغان.

دۈشەنبە كۈنكى سوت ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملار قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدى. ئادۋۇكات سەيبىن ۋىللېت، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى گۇئانتانامودىكى تۈرمە سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش شۇنداقلا ۋاشىنگتوندىكى سوت مەھكىمىسگە چىقىرىش تەكلىپى بەردى.

سەيبىن ۋىللېتنىڭ تەكىتلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى يېقىنقى كۈنلەرگىچە ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملارنىڭ گۇئانتانامودا ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىزكەن. ئائىلە - تاۋاباتى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدا ئاڭلىغان.

سەيبىن ۋىللېت، ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملارنى ئاقلاپ، " ئۇلار تۇرمۇش قۇرغان بىر دادا، بىر بالا، بىر ئىنى شۇنداقلا بىر ئاكا،" دەپ كۆرسەتتى.

تۇتقۇنلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك

مەزكۇر دىلونى ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى جېيمىس روبېرتسون سورىدى. سوتچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سوتنىڭ بۇش ھۆكۈمىتىگە تۇتقۇنلارنى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار، ئەمما گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارنى پايتەخت ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلىش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر تۇتقۇنلار ۋاشىنگتوندىكى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىنسە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا قېلىش يولى ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سەيبىن ۋىللېت، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات بىلەن ئەركىن ئۇچرىشىش، تەرجىمان ئىشلىتىش شۇنداقلا ئائىلە - تاۋاباتى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

جېيمىس روبېرتسون، ئادۋوكاتنىڭ تۇتقۇنلارنى گۇئانتانامودىكى مۇساپىرلار لاگىرىغا يۆتكەش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئويلىشىپ جاۋاب بېرىلىدۇ، دېدى. گۇئانتانامودا كارايىبلاردىكى كۇبا، ھايتى قاتارلىق دۆلەتلەردىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش لاگىرى بار. ئەگەر جېيمىس روبېرتسون ئادۋوكاتىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ ھەربىي دائىرىلەرگە تۇتقۇنلارنى تۈرمىدىن ئازات قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان تۇنجى سوتچى بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل دۈشەنبە كۈنكى سوتنى ئىجابىي بىر قەدەم، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ يىل 36 ياشتىكى ئابابەكرى قاسىم بىلەن 31 ياشتىكى ئادىل ئابلىكىملار، 2001 - يىلنىڭ ئاخىرى ياكى 2002 - يىلنىڭ باشلىرى پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان. گۇئانتانامودىكى " قانۇنسىز دۈشمەن جەڭچىلىرىنى" سوتلاش يولىدا قۇرۇلغان ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسى، ئابابەكرى ۋە ئادىللارنى ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەس، " خاتا چاغدا ۋە خاتا جايدا تۇرۇپ قالغان كىشىلەر،" دەپ قارار قىلدى.

ھۆكۈمەت ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشماقتا

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى تېررىي ھېنرىينىڭ تەكىتلىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتىكەن. ئەمما ئۇ، تۇتقۇنلارغا دائىر مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىشنى خالىمىدى.

سەيبىن ۋىللېت، تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامەئېتىنىڭ يىتەكچىلىكىگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سەيبىن ۋىللېت تۇتقۇنلار توغرىسىدا " ئۇلار ئەسكەر ئەمەس، ئۇلار جىنايەتچى ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر خەلقى،" دېدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بېرى خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتىدۇ. دۇنيادا ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قوللايدىغان مۇسۇلمانلار بولماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئېزىلگەن ئىنسانلارنى ياخشى كۆرگەن چاغلىرىمىز ھازىرمۇ ئېسىمدە بار."

ئەمما ھەربىي دائىرىلەر، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى " سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك" سەۋەبلىرىدىن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش زۆرۈر، قارىماقتا. سوتچى روبېرتسون، ئادۋۇكاتنىڭ تۇتقۇنلارنى گۇئانتانامودىكى ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى توغرا تاپمىدى. ئەمما ئۇ، تۇتقۇنلارنى مۇساپىرلارغا ئوخشاش ئەركىن پائالىيەت قىلالايدىغان، ئەمما باشقۇرۇش ئاستىدىكى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ، دېدى.

سوت مەھكىمىسىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى تېررىي ھېنرىي، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما روبېرتسون، گېرمانىيىلىك ئۇرۇش ئەسىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەيبىن ۋىللېتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ 7 - ئايدا گۇئانتاناموغا بېرىپ، ئابابەكرى قاسىملار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەربىي سوت كوللىگىيىسى ئۇلارنى " قانۇنسىز دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس،" دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ، ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئۆزىنى خەۋەرلەندۈرمىگەنلىكىگە نارازى بولدى شۇنداقلا روبېرتسون، ھۆكۈمەت ئادۋۇكاتىنىڭ بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. سەيبىن ۋىللېتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئادىل ئابلىكىمنىڭ ھەدىسى يېقىندا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، " ئىنىمىزنى ئۆلدى، دەپ كېلىۋاتاتتۇق، دەپ تەكىتلىگەن.