
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مەزكۇر ئارالدىكى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىدىن نۇرغۇن جەھەتتە پەرقلىنىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلىدىغان دۆلىتى يوق
بىرىنچىدىن، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىغان دۆلىتى يوق. ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، قاتتىق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى رەت قىلماقتا.
ئىككىنچىدىن، ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئافغانىستانغا بارغان ئەمەس. پاناھلىنىدىغان باشقا بىرەر دۆلەت تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستانغا بېرىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئۈچىنچىدىن، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا قارشى ھېچقانداق ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان. بەزى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خاتا بىر ۋاقىتتا، خاتا بىر يەردە تۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، يۇقىرىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە مەسىلە دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلقىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتتى
ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋېل 2004 - يىلى -8 ئايدا بەرگەن باياناتىدا، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادەم ئەرىلى، يەنە گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمى، ئامېرىكىدىن گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، ئۇلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، " لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىزدىن، پەقەت گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىمىزنى، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قارار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە" دېگەن.
گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار تۈرمىدىن چىقىرىلىشى كېرەك
ئەمما، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، گۇناھسىز ھەمدە ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان ھالدا، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەرمەي تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىماقتا.

گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال تۈرمىدىن چىقىرىپ، ئەركىن يۈرۈشىگە رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
يېقىندا، ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق ئادۋوكات سىبىن ۋىلىت ئۆز خىراجىتى بىلەن گۇناتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئادىل ھەكىم ۋە ئابابەكرى قاسىم ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئالدى. سىبىن، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋەكىللىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلار خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ ئافغانىستانغا بارغان
ئادۋوكات سىبىن ۋىلىت بۇ ھەقتەت مۇنداق دەيدۇ:
گەرچە ھۆكۈمەت گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات بەرمىسىمۇ، باشقا مەنبەلەر ئارقىلىق گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ ئافغانىستانغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىدىم. ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋەيا رادىكالىزىم بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئافغانىستاندا تۇرۇش مەقسىتىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىغا قارشى ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشنى قارار قىلدىم. گۇانتانامودىكى تۈرمىگە بېرىپ، ئادىل ھەكىم ۋە ئابابەكرى قاسىم بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشتۈم ھەمدە ئۇلارغا قانۇنىي ۋەكىللىكىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغانلىقىمنى بىلدۈردۈم"
ئۇلارنى ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلىشكە تېرىشىمىز
گەرچە ھۆكۈمەت گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات بەرمىسىمۇ، باشقا مەنبەلەر ئارقىلىق گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ ئافغانىستانغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىدىم. ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋەيا رادىكالىزىم بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئافغانىستاندا تۇرۇش مەقسىتىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىغا قارشى ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
سىبىن، ئادىل ھەكىم ۋە ئابابەكرى قاسىمنى سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن ۋاشنگتونغا ئېلىپ كېلىشكە تېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
" ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە قاراۋاتقان فېدېرال سوت مەھكىمىسنىڭ باشلىقى جۇرج روبېرتسون ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ، توغرا بىر ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئادىل ۋە ئابابەكرىنى ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلەلىسەك، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت تېپىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلىرى ئاسانلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، بۈگۈن ئۇلارنى ۋاشنگتونغا ئېلىپ كېلىش مەسلىسىدە سوتقا يەنە بىر ئەرز سۇنىمىز شۇنداقلا ئادىل ۋە ئابابەكىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنى سوتقا تۇنۇشتۇرماقچىمىز."
ئامېرىكا ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى كېرەك
سىبىن ۋىلىت، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلىش ۋە ئۇلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز خىراجىتى بىلەن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە، يېڭى ئامېرىكا ئەسىرى لايىھىسى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە يازغۇچى ئالىن بورك ۋاشىنگتوندا چىقىدىغان "ھەپتلىك ئۆلچەم" ژونىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى.
ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالىن بورك، ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بىردىن - بىر دۆلەتنىڭ، ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا مەن ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىنى جىددىي ئويلىشىشى كېرەك، دېدى. (قانات)