گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا

0:00 / 0:00
adil-hekim-guantanamo.jpg
گۇانتاناموتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى - ئادىل ھېكىم. يېقىندا ئامېرىكىلىك ئادۋوكات سابىن ۋىللەت ئەپەندى ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ھېكىمنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق تۈرمىدىن چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.رەسىمنى ئادىلنىڭ ئادۋوكاتى سابىن ۋىللەت ئەپەندى تەمىنلىگەن.

25 - ئاۋغۇست ۋاشىنگتوندا گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ئېچىلماقچى بولغان سوت ھارپىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىدە "ۋەتەنسىز كىشىلەر" سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە ب ب س خەۋەرلىرىمۇ بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق سىياسىي ئانالىزچى روبىن رايتىس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، گەرچە گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 15 نەپىرى 20 ئاي بۇرۇن ھەربىي سوت تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە گۇانتانامودىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ۋاشىنگتون پوچتسى گېزىتىنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئاپتور ماقالىسىدە گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئافغانىستانغا بېرىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.

ماقالىدە شۇنداقلا، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىكىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكىلىق داڭلىق ئادۋوكات سەيبىن ۋەلىت ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھوقۇقشۇناس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە يەر بېرىلگەن.

بۇ ئارىدا بۈگۈن ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىمۇ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىر ماقالە ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالىدىمۇ گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 15 نەپىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتناشمىغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەقەت خىتاينىلا دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يېقىندىن بىرى، ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسلىسىدە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسدە دېگۈدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ گۇانتانامو تۈرمىسىدە سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ھەپتىلىك ئۆلچەم ژورنىلىدا ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق يازغۇچى ئالىن بورك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى تەلەپ قىلىندى.

گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئالغان سەيبىن ۋەلىت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان قانۇنشۇناس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا مەتبۇئاتىدا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسلىسىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر ۋە ماقالىلارنىڭ، ئۇلارنىڭ سوتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.