0:00 / 0:00
گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشمەكتە.
يېقىندا شۋېتسىيە كرېست دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ۋەكىلى ئانېلې پارلامېنتقا مەخسۇس دوكلات سۇنۇپ، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسى تەستىقلانسا، گۇانتانامودىكى ئۇيگۇرلار شۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.