
سادىق ئەخمەد تۈركىستانى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئىدى. ئۇ، ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن 2001 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئازات قىلىنغىچە ئافغانىستاننىڭ قەندىھاردىكى تالىبانلار تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتاتتى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخبىرلار ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىغا تەكىتلىشىچە، ئۇ ئەلقائىدە رەھبىرى ئوساما بىن لادېنغا سۈيقەست قىلماقچى، دېگەن نام بىلەن تالىبانلار تۈرمىسىگە تاشلانغان.
پەيشەنبە كۈنى " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى " سادىق ئەخمەت تۈركىستانى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنى " ئىككى ئارىدا قالغان گۇانتانامودىكى گۇناھسىز تۇتقۇن،" دەپ ئاتىدى.
ئورۇندالمىغان ۋەدە
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ ماقالىدا تەكىتلىشىچە، ئەخمەت تۈركىستانى ئەلقائىدە ۋە تالىبانلاردىن نەپرەتلىنىدىكەن. چۈنكى ئۇ قەندىھاردىكى تۈرمىدە ئەلقائىدە ۋە تالىبانلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغان شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىغا ياردەمچى بولۇش تەۋسىيىسىدە بولغان.
ئەخمەت تۈركىستاننىڭ ئادۋوكاتىغا ئاشكارىلىشىچە، ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئاخبارات دائىرىلىرى ۋە ب د ت ۋاكالەتچىلىرى ئۇنىڭغا مۇساپىر بولىدىغان پاناھ جاي تېپىپ بېرىشكە ماقۇل بولۇپ، مۇمكىن بولسا پاكىستاندىن پانالىق ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەدىلەر سادىق ئەخمەت تۈركىستانىنىڭ گۇانتانامو لاگىرىغا سولىنىشىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان ئىدى.
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" تۈركىستانى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى بازىسىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، كىيىم - كېچەكلىرى سالدۇرۇلدى، پۇت قولى باغلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى، دەيدۇ.
ئۇ "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس"
ئۇنىڭ (سادىق ئەخمەد تۈركىستانىنىڭ) گۇانتانامودىكى باشقا نۇرغۇن مەھبۇسلاردىن پەرقى شۇكى، ئۇ ئۇرۇش مەيدانىدا ئەسىر چۈشكەن ياكى تېررورچى، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان ئەمەس. ئۇ پەقەت ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ مەھسۇلى.
جوش ۋايت ۋە روبېن رايتلار " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" دىكى ماقالىسىدا "ئۇ، 2002 - يىلى يانۋاردا ئايرۇپىلان بىلەن گۇانتانامو لاگىرىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان ئوتتۇرىدا تۆت يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇنى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس،" دەپ ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ داۋاملىق لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا،" دەپ يازغان.
ئۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئەخمەت تۈركىستانىنى قاچاندىن بېرى "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس،" دەپ بېكىتكەنلىكى مەلۇم ئەمەسكەن. ئۇ يېقىندا ئادۋوكاتىغا خەت يېزىپ، 8 يىلدىن بېرى ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان ئائىلىسىنى سورىغاچ،" ئالتە ئاينىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دائىرىلىرى مېنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى ئۇقتۇردى. مەن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس ئىكەنمەن،" دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان مەسىلە
ئەخمەت تۈركىستانى نېمىشكە تۇتقۇن قىلىندى؟ " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇنى خاتا تۇتۇلغان ياكى بەزى ئەمەلدارلار ئۇنىڭ ئاخبارات قىممىتى بار، دەپ ھېسابلىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن. چۈنكى ئۇ 1998 - يىلى ئوساما بىن لادېننى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، دەپ ئەيىپلەنگەن ئىدى.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىستانى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرەبىستان گراجدانى ئەمەس. بۇ سەۋەبلەر ئۇنى قايسى دۆلەتكە قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا دائىرىلىرىغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرماقتا.
" ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىنىش ياكى تەن جازاسىغا ئۇچرۇشىدىن ئەنسىرىگەچكە خىتايغا قايتۇرۇشنى خالىمايدىكەن.
ئۇ گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلاردىن پەرقلىق بىر كىشى
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى، تۈركىستانىنى " ئۇنىڭ گۇانتانامودىكى باشقا نۇرغۇن مەھبۇسلاردىن پەرقى شۇكى، ئۇ ئۇرۇش مەيدانىدا ئەسىر چۈشكەن ياكى تېررورچى، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان ئەمەس. ئۇ پەقەت ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ مەھسۇلى،" دەيدۇ.
سايبىن ۋېللىت ئەخمەت تۈركىستانىنى ئاقلاۋاتقان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، " ۋاشىنگتون پوچتچ گېزىتى" غا بەرگەن باياناتىدا، پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ئۇ بىن لادېننىڭ دۈشمىنى. ئۇ بىن لادېنغا سۈيقەست قىلىش بىلەن سولانغان، بۈگۈن بىز ئۇنى مەھبۇس سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمىز،" دەيدۇ.
گۇانتانامونىڭ ئەخمەت تۈركىستانى قاتارلىق تۇتقۇنلار سولانغان ئايرىم لاگىرىدا، تۇتقۇنلارغا تېلىۋىزور ۋە سىنئالغۇ كۆرۈش رۇخسىتى بېرىلگەن. ئۇ بۇ يەردىكى بەش ئۇيغۇر بىلەن بىرگە 9 نەپەر تۇتقۇننىڭ بىرى.
دۈشمەنلەر ئۇنىڭ 4 يېرىم يىللىق ھاياتىنى بەربات قىلدى، بىز ئۇنىڭ ھاياتىدىن يەنە تۆت يىلنى بەربات قىلدۇق.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاز دېگەندە 20 دەك دۆلەتتىن گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا پانالىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئىجابىي جاۋاپ ئالالمىغان. ئامېرىكا كولۇمبىيە ئالاھىدە رايون فېدېرال سوت مەھكىمىسى ئەخمەت تۈركىستانى قاتارلىق تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
ئۇ تالىبانلار تەرىپىدىن سەئۇدى جاسۇسى، دەپ سوتلاندى
ئەخمەت تۈركىستانىنىڭ ئادۋوكاتىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 1997 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئافغانىستانغا قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ خوست رايونىدا ئەلقائىدە ئەزالىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئەخمەت تۈركىستانى " ئافغانىستاندا سەئۇدى ئەرەبىستان جاسۇسى، دەپ سوراق قىلىندىم ۋە جىسمانىي قىيىن قىستاقلار ئاستىدا سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىن لادېننى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئىقرا قىلىپ، 'يالغان ھىكايە' توقۇدۇم،" دەيدۇ.
ئەخمەت تۈركىستانى، ئەلقائىدە ئەزالىرى تەرىپىدىن تالىبانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، قەندىھاردىكى تالىبان تۈرمىسىدە 4 يىل ياتقان. ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن سۇزان بېيكىر مەننىڭ تېخى ئۆتكەن ئايدىلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ، تۈركىستانى بىن لادېننى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى رەت قىلدى، دەيدۇ. ئوساما بىن لادېن 1998 - يىلى ئەخمەت تۈركىستانى ۋە ئىككى ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە سۈيقەستنىڭ بەربات قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ مۇخبىرلىرىدىن جوش ۋايت ۋە روبىن رايتلارنىڭ ماقالىسىدا تەكىتلىشىچە، ئەخمەت تۈركىستانىنىڭ ئادۋوكاتى سۇزان بەيكىر مەننىڭ " دۈشمەنلەر ئۇنىڭ 4 يېرىم يىللىق ھاياتىنى بەربات قىلدى، بىز ئۇنىڭ ھاياتىدىن يەنە تۆت يىلنى بەربات قىلدۇق،" دەيدۇ. (ئەركىن)