گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدۇ


2006.01.18
adil-hekim-guantanamo.jpg
گۇانتاناموتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى - ئادىل ھېكىم. يېقىندا ئامېرىكىلىك ئادۋوكات سابىن ۋىللەت ئەپەندى ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ھېكىمنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق تۈرمىدىن چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.رەسىمنى ئادىلنىڭ ئادۋوكاتى سابىن ۋىللەت ئەپەندى تەمىنلىگەن.

كۇبانىڭ گۇانتانامو ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش تەلىپى ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا "ھوقۇقى يەتمەسلىك" سەۋەبى بىلەن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى دىلوغا ئامېرىكا فېدېرال ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئالىي سوتقىچە ئەرز

ئادۋوكاتلار، پەقەت ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭلا ئاساسىي قانۇن كرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر دىلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، دىلونى قايتا كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ سەيشەنبە كۈنى فېدېرال ئالىي سوت مەھكىمىسىگە رەسمىي ئەرز سۇنغان.

ئامېرىكا فېدېرال رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سوتچىسى جېيمىس روبېرتسون ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا چىقارغان تۇتقۇنلار توغرىسىدىكى قارارىدا، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى داۋاملىق گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇشىنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ سەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ئادۋوكاتلار سوتچى روبېرتسوننىڭ يۇقىرىقى ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى سەيبىن ۋىللېت، " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" گە بەرگەن باياناتىدا " بۇ ھۆكۈم بەش يىلدىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان بۇ گۇناھسىز كىشىلەر بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس" دەيدۇ.

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ دىلو ئامېرىكىدا ئاساسىي قانۇن كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئاقلانغان تۇتقۇنلار

ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"، "ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار فېدېرال سوت مەھكىمىسى پرېزىدېنتنىڭ قانۇنغا داۋاملىق خىلاپلىق قىلىشىنى توساش ھوقۇقىمىز يوق، دەپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئامېرىكا جامائەتچىلىكى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىپ، قانۇندىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كېرەك" دەپ قارايدىغانلىقىنى يازدى.

ئۇيغۇر تۇتقۇنلار دىلوسى، قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى 2004 - يىلدىن بېرى سۈرۈشتۈرۈلۈشكە باشلىغان گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك 200 دەك دىلونىڭ بىر قىسىمى. ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتا سولانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، 2004 - يىلى ئۇلارنى "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئېلان قىلغان.

بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن چوڭ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشى.... بۇلار قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھادىسىلەر ئەمەس.

فېدېرال رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىكى سوتچى روبېرتسون، ئۆتكەن يىلى 22 - دېكابىردا يازغان سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ ئىزاھاتىدا، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىشى مۇمكىن، دەيدۇ. روبېرتسون، ئۇلار باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق ئېلىشنى خالايدۇ، دەپ يازغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ پاناھلىقىنى پەقەت ئامېرىكا پرېزىدېنتىلا تەستىقلاشقا ھوقۇقلۇقكەن. بىراق ئۇ، بۇش ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپكە شىددەت بىلەن قارشى چىقماقتا، دەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىدىن ھازىرغىچە نەتىجە ئالالمىدى. مەزكۇر دىلوغا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىش ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر دىلو ھېسابلانمايدۇ. ئالىم سېيتوف، "ئالىي سوتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئامېرىكا تارىخىدىكى يېڭى بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ" دېدى.

قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسە

ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنىڭ قارىشىچە، سوتچى روبېرتسوننىڭ چىقارغان ھۆكۈمى "پرېزىدېنت دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى بىر كىشىنى قولغا ئالالايدىغان ۋە سولايدىغان چەكسىز ھوقۇققا ئىگىلىقىنى ئىسپاتلىغان." ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يازغان ئەرزنامىسىدا، "بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن چوڭ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشى.... بۇلار قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھادىسىلەر ئەمەس" دەيدۇ .

"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقىغا باھا بېرىشنى رەت قىلغان. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە تۇتقۇنلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىم قاتارلىق شەخسلەرنىڭ دىلوسى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن كرىزىسىدىكى تالاش - تارتىشنىڭ مەركىزىنى ئىگىلىدى. ئۇلار 2001 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ياكى 2002 - يىلنىڭ باشلىرى پاكىستاندا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئىسلامئاباد دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن پاكىستانغا 5000 دوللاردىن تاپان ھەققى تۆلىگەن ئىكەن. بىراق ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسى ئۇلارنى 2004 - يىلى باھاردا دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلاپ، قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ ئېلان قىلغان.

ئالىم سېيتوفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملار ھەققىدە چىقىرىدىغان ھۆكۈمى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، دەپ ئاقلانغان گۇانتانامودىكى باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ دىلوسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.