گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەندىشە بىلەن كۈتمەكتە


2006.03.08
Willett_Sabin.jpg
گۇانتانامودىكى بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى Sabin Willett. ئۆزى تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ سوت خاتىرىسى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلگەن بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى.

سوت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇانتانامودىكى ھەربىي سوت كوللېگىيىسىدە تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن "تېررورچى" دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلار بۇنى رەت قىلغان.

گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار: قەيەرگە كېتىمىز؟

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ كاللىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئەندىشە، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قەيەرگە بېرىش مەسىلىسىدۇر، دەيدۇ. سوت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوت كوللېگىيىسىدە ئىپادە بەرگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىرى ماخمۇد، خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "مەن قايتۇرۇلۇشنى خالىمايمەن ۋە سىياسىي پاناھلىق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن " دەيدۇ. تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەل - قائىدىگە ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ماخمۇد بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىشتىكى بىردىن بىر مەقسىتى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، "مەن ئەركىن ھايات كەچۈرىدىغان بىر يەرگە بېرىپ ياشاشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مېنىڭ چەتئەلگە چىقىشىمدىكى سەۋەبىم ئىدى" دەپ تەكىتلىگەن. گۇانتانامودا دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشنى خالىماسلىق بۇ يەردىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا خاس، كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇتقۇنلارنىڭ سوت جەريانىدىكى ئىقرارىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سوت خاتىرىسىدە بەزى تۇتقۇنلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى "بۇ ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى كۆزدە تۇتۇلغان" دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

ئۇلار بىزنى مېھمان قىلىپ، تۇتۇپ بەردى

گۇانتانامودىكى خىتايغا قايتۇرۇلۇشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇرلار يالغۇز ماخمۇد بىلەن چەكلەنمەيدۇ. سوت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوت كوللېگىيىسىدىكى ئىپادىسىدە، "ئەگەر مەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسەم، ئۇلار مېنى قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئالىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن بىر ئۇيغۇر تۇتقۇنى، "ئۇلار مېنى ئىتقا تالىتىشى ۋە تىرناقلىرىمنى سۇغۇرۇۋېتىشى مۇمكىن " دەيدۇ.

adil-hekim-guantanamo.jpg

سوت خاتىرىسىدە بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ۋە سالاھىيىتى تىلغا ئېلىنمىدى. گۇانتانامو لاگىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە 18 نەپەر كىشى ئامېرىكا ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئافغانىستاننىڭ تورا بورا تېغىدىكى "ئۇيغۇر تەلىم - تەربىيە لاگىرى" دا تۇرغان. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ بومباردىمانى ۋە شىمال ئىتتىپاقى كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا لاگىرنى تاشلاپ پاكىستانغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ لاگىر باشلىقى ئابلەي بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىر ئۇيغۇر تۇتقۇنى، "بىز پاكىستانغا بارغاندا يەرلىك پۇقرالار بىزنى قېرىنداشلارچە كۈتۈۋالدى ۋە بىزنى يىمەك - ئىچمەك ھەم گۆش بىلەن مېھمان قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ بىزنى ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدۇق" دەيدۇ.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستانلىقلار ئۇلارنى شۇ جايدىكى بىر مەسچىتكە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن پاكىستان دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇ، گۇانتانامودىكى ھەربىي سوتچىلارغا "بىز پاكىستاندا تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىمىزنى 5000 دوللارغا ساتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق" دەيدۇ.

بىز ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس

سوت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بۇ تۇتقۇن سوت كوللېگىيىسىدىكى ئىپادىسىدە ئامېرىكا تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، "بىزنىڭ پەقەت بىرلا نىشانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش. بىزنىڭ لاگىردىن ئايرىلىشىمىز سىلەر بىلەن مەسىلىمىز يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى دۈشمەن ئەمەسلىكىمىزنى ئىپادىلىمەكتە" دەپ تەكىتلىگەن. بۇ تۇتقۇن، ھەربىي كوللېگىيە خادىمىنىڭ "سېنىڭچە دۇنيا ئىسلامغا يۈزلىنىشى كېرەك، دەپ قارامسەن ؟ " دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، "ياق، ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغان دىننى تاللاش ھوقۇقى بار. مېنىڭچە سىز كىشىلەرنى بىر دىنغا كىرىشكە ياكى مېنىڭ دىنىمغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلىسىڭىز بولمايدۇ،" دەيدۇ.

2001-يىلى 5 - ئايدا دۆلىتىدىن ئايرىلىپ پاكىستان ئارقىلىق شۇ يىلى 7 - ئايدا تورا بورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرىغا بارغان بىر تۇتقۇن، سوت كوللېگىيىسىگە بەرگەن ئىپادىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ئالدى بىلەن مەن دۆلىتىمدىن ئايرىلىش سەۋەبىمنى چۈشەندۈرمەكچى. بىزنىڭ دۆلىتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا. ئۇلار بىزگە باشقىچە سىياسەت تۇتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلەيدۇ ۋە جازالايدۇ. مەن بۇنى قوبۇل قىلالمىدىم ۋە چەتئەلگە چىقىپ كەتتىم. دۆلىتىمگە قايتىشنى خالىمايمەن. بۇ مېنىڭ پاكىستانغا بېرىشىمدىكى سەۋەبىمدۇر".

بىزنىڭ پەقەت بىرلا نىشانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش. بىزنىڭ لاگىردىن ئايرىلىشىمىز سىلەر بىلەن مەسىلىمىز يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى دۈشمەن ئەمەسلىكىمىزنى ئىپادىلىمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر 187 نەپەر تۇتقۇن لاگىردىن قويۇپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 80 نەپەر تۇتقۇن سەئۇدى ئەرەبىستان، ماراكەش، رۇسىيە، بەھرەيىن ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فلەكس پلېكسكو، بۇ دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا، "ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە مەھبۇسلارنى قانداق جازالاش ھەققىدە پىكىر بېرىش ھوقۇقى يوق" دەيدۇ. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى ياكى تەن جازاسىغا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى گۇانتانامودىكى 300 دىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ سوت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ھازىرغىچە سوتلانماي تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ سانى خېلى بار.

گۇانتانامو لاگىرىدىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىد قىلىش نىشانىغا ئايلانغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گۇانتانامونى "كۇلاگ تاقىم ئاراللىرى" دەپ ئاتىغان ۋە لاگىرنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاگىردىكى تۇتقۇنلارنى "خەتەرلىك ئۇنسۇرلار" دەپ قارىماقتا ۋە بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى ئىنكار قىلىپ، لاگىرنى تاقاشنى رەت قىلدى.

ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ھېچكىم ئۇلارنى قايتا كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن

سەيبىن ۋىللىت گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتى. ئۇ، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا "ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ چۈشندۈرگەنگە قارىغاندا بىر ئاز مۇرەككەپ" ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىم مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە سانىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆججەتنىڭ ئىندىكىسى بولمىغانلىقتىن ئۇنى كۆرۈپ چىقىشقا بىرەر ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئۇ، بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرىمىز تېخىمۇ كۆپەيدى" دەيدۇ.

سەيبىن ۋىللىت بۇنىڭ ئالدىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "ئۇلارنىڭ يۇرتى خىتايدا، ئەمما ئۇلار خىتايدا زىنداندا غايىپ بولۇپ كېتىشى ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قايتا كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.