ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى


2006.04.17
Willett_Sabin.jpg
گۇانتانامودىكى بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى Sabin Willett. ئۆزى تەمىنلىگەن

بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا قوشۇنلىرى تەرىپىدىن خاتا تۇتۇلۇپ قالغان ۋە ھازىرغىچە كۇبانىڭ گۇئانتانامو ئارىلىدىكى تۇتقۇنلار لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزنامىسى دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ دىلونى رەسمىي كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ قايتا كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلغان.

لاگىردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنىڭ دىلوسى بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىنى ئىككىلىنىش ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدا ئاساسىي قانۇن تالاش - تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدېرال سوت مەھكىمىسى 2005- يىلى 12 - ئايدا بۇ ئىككەيلەننى گۇئانتانامودا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى، لېكىن فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغان. ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىمنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى. ئادۋوكاتلار ، فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدىن كېيىن، ئىككەيلەننىڭ دىلوسىنى ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتىدىن كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇپ، "بۇ كىشىلەرنىڭ ئاز دېگەندە 3 يىلدىن بېرى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى" ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرسا تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرغىچە قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇردى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن بۇ دىلونى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

داۋاملىق كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى پائۇل كلېمېنت، ئالىي سوتنىڭ سوتچىلىرىغا، بۇ دىلودا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى "مۇۋاپىق بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى" كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز مۇخبىرىغا ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملار يوللىغان "ئەرزىنامىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى،" لېكىن ئەرزىنامىنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبىگە" باھا بەرمەيدىغانلىقىنى" بىلدۈردى.

لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى بۇ دىلوغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ) نۇرى تۈركەل( بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملارنى 2001 - يىلى 12 - ئايدا پاكىستاندا ئەسىر ئالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس " دەپ ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا " تەھدىت" ھېسابلانمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇلارنى " خاتا جاي ۋە خاتا يەردە تۇرۇپ قالغان كىشىلەر " دەپ ئاتىغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 3- بىر دۆلەت تېپىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىدى.

ئامېرىكا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشماقتا

adil-hekim-guantanamo.jpg
گۇانتاناموتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى - ئادىل ھېكىم. يېقىندا ئامېرىكىلىك ئادۋوكات سابىن ۋىللەت ئەپەندى ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ھېكىمنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق تۈرمىدىن چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.رەسىمنى ئادىلنىڭ ئادۋوكاتى سابىن ۋىللەت ئەپەندى تەمىنلىگەن.

پرېزىدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى ئاق سارايدا كۈتۈۋالىدۇ. تېرررورچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ھەر قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئەنئەنىۋىي تېمىلار بولۇپ قالدى.

گېرمانىيىدە چىقىدىغان "دۇنيا" گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، 5 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېل، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن گېرمانىيىگە ئوروئۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ئالىي سوتنىڭ مەزكۇر دىلو ھەققىدىكى قارارى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا ئەدلىيە تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىچە ئەھۋال، دەپ قارالماقتا. ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابەكرى قاسىملارنىڭ ئادۋوكاتى ۋاشىنگتون رايونىدىكى فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا چىقارغان قارارىدىن كېيىن، ئالىي سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرگە ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە تەڭلا ئەرز سۇنغان.

نۇري تۈركەل: ئالىي سوتنىڭ قارارى توسالغۇ بولمايدۇ

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ دىلو ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى قەيەردىن قەيەرگىچە بولۇشى كېرەك، دەيدىغان زور مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تېما بولۇپ قالغان.

قانۇنى تەرتىپ بويىچە فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دىلونى كۆرۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر دىلونى كۆزدىن كەچۈرۈش ئالىي دوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنىڭ ئەرزىنامىسى بويىچە سوت ئاچىدۇ. نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى قارارى تۇتقۇنلارنىڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن چىقىدىغان قارارغا قايىل بولمىسا، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشىغا توسالغۇ بولمايدۇ.

ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملار نۆۋەتتە گۇئانتانامودىكى بىر قەدەر ئەركىن ھەرىكەت قىلىشقا يول قويۇلىدىغان "ئامېرىكا كەسلەنچۈكى" ئىسىملىك لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئالىي سوت ئارلاشقاندىلا قانۇننىڭ ئەسلىدىكى رولىنىڭ بۇرمىلىنىپ كېتىشتىن ساقلىغىلى بولىدۇ

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى پائۇل كلېمېنتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇتقۇنلار بۇ لاگىردا تېلىۋىزور كۆرەلەيدۇ، مۇزىكا ئاڭلىيالايدۇ، كىتاپ ئوقۇيالايدۇ ۋە پۇتبول، ۋالىبول ۋە تىك-تاك توپ قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە. لېكىن تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى گۇئانتانامودا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ يالغۇزچىلىققا تەرك ئېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزنامىسىدا گۇئانتانامونى "تىك يارنىڭ بويىدا" دەپ تەكىتلىگەن ئادۋوكات سەيبىن ۋېللىت، "بۇ دىلوغا پەقەت ئالىي سوت ئارلاشقاندىلا قانۇننىڭ ئەسلىدىكى رولىنى ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتتە بۇرمىلىنىپ كېتىشتىن ساقلىغىلى بولىدۇ" دەيدۇ.

ھازىر گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 500 ئەتراپىدا بولۇپ، ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنىڭ دىلوسىغا بېرىلىدىغان ھۆكۈم باشقىلار ئۈچۈن ئۆلگە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، دەپ قارالماقتا ئىدى. ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىككى يىل ئىلگىرى گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تونىغان. ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىمنىڭ ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوت كوللىگىيىسىگە بەرگەن ئىپادىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ تورا بورا رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ئۈگەنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بومباردىمانىدىن قېچىپ پاكىستانغا بارغاندا ئەسىرگە ئېلىنغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.