خىتاي گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىدىن ھازىرغىچە ۋاز كەچمىدى
2006.04.20
خىتاي ھۆكۈمىتى، 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغىچە گۇەنتانامودا ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقلۇق ياكى ئەمەسلىكى ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن قارار قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىدىن ھازىرغىچە ۋاز كەچمىدى.
گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار
پرېزىدېنت بۇش خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋنى پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا كۈتۈۋالغان كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسىمى بولغان گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئەركىنلىكى قانۇنىنىڭ روھى بويىچە چارشەنبە كۈنى 4 يىلدىن بېرى گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە كۆپ قىسىمى تالىبان، ئەل - قائىدە ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان 558 نەپەر تۇتقۇننىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە ئەركىن ماخمۇد، نېغ مۇھەممەد، ئەخمەت تۇرسۇن، ئابدۇل رازاق، ھەسەن ئەنۋەر، ئەخمەد ئادىل، يۈسۈپ ئابباس، ئاختار قاسىم باسىت، بەختىيار ماخمۇد، ئابدۇخېلىل مامۇت، ھاجى مۇھەممەد ئايۇب،س ئەيدۇللا خالىق، ئابدۇغوپۇر ئابدۇراخمان، ھاجى ئەكبەر ئابدۇغوپۇر، ئابابەكرى قاسىم، ئابدۇللا ئابدۇقادىرئاخۇن، داۋۇت ئابدۇرېھىم، ئادىل ئابلىكىم، ئىمام ئابلەھەت، خوزايفا پەرھاد، ئەخمەت مۇھەممەد، ئادىل نۇرى قاتارلىق 22 نەپەر ئۇيغۇرلار بار. بۇلار قازاقىستان تەۋەلىكىدىكى 2 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن قىرغىزىستان تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
شەرقىي تۈركىستان تېرروررىستمۇ؟
پەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرى بولغان بۇ تېررورچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن چىن گاڭ، " تېررور ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىغا جىددىي تەھدىت سالماقتا " دەيدۇ. ئامېرىكا ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن چىن گاڭ باياناتىدا كونكرېت بىر تەشكىلاتنى تىلغا ئالمىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان سىياسىي - جۇغراپىيىۋى نامنى "خەلقئارا جەمئىيەتكە، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتقان تېررور كۈچ " دەپ ئەسكەرتكەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلىشىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەن
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تىزىملىكتىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاز دېگەندە 9 نەپىرى ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئېلان قىلىنغان ياكى گۇناھسىز، دەپ ئاقلانغان كىشىلەر. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلىشىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەن مەسىلە بولۇپ قالغان.
نۇرى تۈركەل ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىتنىڭ ياردەمچىسى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىغىلى بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنى 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۈش يولىنى تۇتماقتا.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بېيجىڭدىكى دىپلوماتلار ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى دەپ قارالغان نۇرغۇن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سىياسىي مەقسەدنى چىقىش قىلغان بولماي، شەخسىي ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سىياسىي مەھبۇسلار ئۆلۈم جازاسىغا ئۈچرىماقتا
سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ياكى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەسىلە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئىسمائىل سەمەتنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. رابىيە قادىر، 2 - دۆلەت تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەتتا ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارمۇ بار. ئۇلار تەن جازاسى ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا دۇچ كەلمەكتە " دەيدۇ.
قەشقەرلىك مۇھەممەت توختى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى پەقەت ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت يەتمەيدىغان 3 - دۆلەتكىلا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ
ت. كۇمار: ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى "پەقەت ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت يەتمەيدىغان 3 - دۆلەتكىلا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ"
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرى بويىچە مەسئۇلى ت. كۇمار، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ت. كۇمار، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى " پەقەت ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت يەتمەيدىغان 3 - دۆلەتكىلا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ "دەيدۇ.
خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋنىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، 2005 - يىلى دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنىڭ 80 % خىتايدا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى پېيىرس بانىستېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەزى دۆلەتلەر ئۆلۈم جازاسىنى داۋاملىق يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرىدىغان دۆلەتلەر كۆپەيمەكتە. 1977 - يىلى دۇنيا بويىچە 16 دۆلەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان بولسا، 2005 - يىلى بۇ سان 86 دۆلەتكە كۆپەيگەن. بانىستېر، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىشقا چاقىردى. ئۇ، "بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېنىق " دەيدۇ. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى ئاقلاپ " جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىسى جانغا - جان، قانغا - قان ئېلىش " دەپ كۆرسەتمەكتە.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا كۆرگەچكە بۇنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى. لېكىن خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا يىلدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلار 10 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، " مانا بۇ سەۋەبلەر ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە "دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا
- ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى
- گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە
- گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى Sabin Willett ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەندىشە بىلەن كۈتمەكتە
- گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇري تۈركەل بىلەن سۆھبەت
- گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدۇ
- گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە نۇري تۈركەل بىلەن سۆھبەت
- ئىككى ئارىدا قالغان گۇانتانامودىكى گۇناھسىز تۇتقۇن