دېموكراتلارنىڭ ئامېرىكا پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى گۇانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟


2006.11.15

پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلۇپ، دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەربىي سوت قۇرۇش قانۇنى 17‏- ئۆكتەبىر كۈنى پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ يولغا قويۇلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلسىدىكى دېموكراتلار ھەمدە ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ قانۇننى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا شۇنداقلا خەلقئارا جەنۋە كېلىشىمىگە خىلاپ دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ قانۇن گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى جۈملىدىن بۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى، نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىش، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەرز قىلىش، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئادۋوكات تۇتۇش، ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتكە ئۇلارنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سالاھىيىتى بەرگەن.

7‏- نويابىر كۈنى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدا دېموكراتلارنىڭ غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىدا كۈپ سانلىقىنى ئىگىلىشى، گۇانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 440 مەھبۇسنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە سەۋەب بولدى.

ئادۋوكاتلار، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئادۋوكات تۇتۇش ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قۇرۇش ھوقۇقلىرىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان قانۇنىنى ئۆزگەرتىش مەقسىدىدە جىددىي پائالىيە ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكرات ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەزكۇر قانۇننى ئۆزگەرتىشنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن دېموكرات ئەزالارنى قايىل قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر قانۇنشۇناس ۋە گۇانتانامودىكى مەھبۇسلار مەسىلسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرى تۈركەل، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان قانۇننى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.