ئادۋوكاتلار گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا


2006.12.05

بۈگۈن، 5 ‏- دېكابىر كۈنى "ۋاشىنگتون پوست گېزىتى" نىڭ يازغۇچىسى جوش ۋايت ئەپەندىنىڭ "ئادۋوكاتلار گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

"ۋاشىنگتون پوست گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، سابىن ۋىللېت، سۇسەن بەكىر قاتارلىق ئادۋوكاتلار "ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربى تۈرمىسىدە 5 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك" دەپ سوتقا تەلەپ قويغان. بۇ ئادۋوكاتلار "بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلانىڭ گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كېلىشىمنىڭ بىرقىسمى، ئۇلارنىڭ پەقەت "تالىبانلارنىڭ مەشىق لاگىرلىرىغا بارغان" دېگەندىن ئۆزگە ئامېرىكىغا تەھدىت سالغان كونكرېت جىنايىتى يوق، شۇڭلاشقا ئۇلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك" دەپ چىڭ تۇرماقتا.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىمۇ "بىز تالىبانلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزمىگەن، ئەمەلىيەتتە بىز ئامېرىكىغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار" دەپ تۇرماقتا، دېيىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ۋەلى ئامېرىكىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئادۋوكات نۇري تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.