گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سوتقا ئەرز سۇندى
2006.12.14

ئادۋوكات سەبىن ۋەلىت رىياسەتچىلىكىدىكى بەش ئادۋوكات تەرىپىدىن گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھۇزىيفا پەرھات، ئابدۇسەبۇر، ئابدۇسەمەت، ھامماد، جالال جالالىدىن، خالىد ئەلى ۋە سابىر ئوسمان قاتارلىق يەتتە ئۇيغۇر مەھبۇس نامىدىن ئامېرىكا فېدېرال سوتىغا سۇنۇلغان ئەرزدە، ئۇيغۇر مەھبۇسلار بىر-بىردىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا قانداق بېرىپ قالغانلىقى، نېمە ئۈچۈن ئافغانسىتانغا بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ، قانداق قىلىپ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.
ئامېرىكا فېدېرال سوتىغا سۇنۇلغان ئەرزدە بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلار ، ئۇلارنىڭ تارىخى، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان.
گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا ۋاكالىتەن ئادۋوكات سەبىن ۋەلىت رىياسەتچىلىكىدىكى ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن ئامېرىكا فېدېرال سوتىغا سۇنۇلغان ئەرزدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، تۆت يىلدىن بېرى ناھەق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ تۆت يىل جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە قاتتىق مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئىچكى سودا
ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن سوتقا سۇنۇلغان ئەرزدە، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ دەرۋەقە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئويۇننىڭ قۇربانى بولغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:
"2002- يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئىراقتىكى ساددام ھۆسەيىن ھاكىمىيىتى توغرىسىدىكى خەلقئارا كرىزىس كۈچەيگەن بىر پەيتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مىنىستىرلىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلدى. بۇلارنىڭ بېرى ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناجى سابرى ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغالىغا قارشى چىقىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. مىنىستىرلارنىڭ يەنە بىرى بولسا ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتاج ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پىلانىنى قوللاشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى.
خىتاي دىپلوماتلىرى ئۇستىلىق بىلەن، بۇ ئىككى مىنىستىرنى بىر-بىرىگە قارشى ئوينىدى. لېكىن ئاخىرىدا ئارمىتاج ئۇتۇپ چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پىلانىغا قارشى چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بەدىلىگە تەيۋەن ۋە تىجارەت مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يول قويۇشىنى ھەمدە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان ۋە سەۋەنلىك بىلەن ئامېرىكا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان 22 ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسىنى تېررورچى دەپ جاكارلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن سوتقا سۇنۇلغان ھۆججەتتە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ چاغدىكى جىددىي ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىرقانچە مۇساپىرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش پىلانى ئالدىدا ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق ئىدى. شۇڭا 2002- يىلى 26- ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىكى بىر يېغىن زالىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئارمىتاچ خىتاينىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلىغان ۋە بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلاتلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.. بۇ پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا ئېلىنغان بىر قارار ئىدى. بۇ قارارنىڭ ھەقىقەت بىلەن ۋە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى.
ئامېرىكا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويغان
بۇ سودىلىشىشتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئارمىتاچ ئاشكارىلىمىغان يەنە بىر مەسىلىمۇ بار ئىدى. ئۇ بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەقەت شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلاشتىن سىرت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشى ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەن. دېگەندەك ، بۇ كېلىشىمدىن بىر ھەپتە كېيىن، يەنى 2002- يىلى سېنتەبىر ئېيىدا خىتاي ساقچىلىرى گۇەنتانامو تۈرمىسىگە كېلىپ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراققا تارتقان.
ئادۋوكاتلار تەرىپدىن سوتقا سۇنۇلغان ئەرزدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلىشىدىن بىر ئاي كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىننى تېكىساستىكى داچىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى رەھبەر سۆھبەت باشلىغان مەزگىلدە خىتاي ساقچىلىرى ئاللىقاچان گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرلۈك قېيىن-قىستاقلار بىلەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشقا باشلىغان. دېمەك، ئىراق مەسىلىسىدىكى سودا گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سودىدىن تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى. ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھېلىمۇ قانۇنسىز ھالدا گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئادۋوكاتلار گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا
- دېموكراتلارنىڭ ئامېرىكا پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى گۇانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن زۇلپىيە خانىم بىلەن سۆھبەت
- ئابابەكرى قاسىم: ئادالەتكە ۋە ئامېرىكا تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ
- گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسى سوت مەھكىمىسىدە
- جۇرج بۇش چەتئەللەردە يوشۇرۇن تۈرمىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- ئالبانىيىدىكى 5 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئابابەكرى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىئىسىنى ئۆزگەرتتى
- شۋېتسىيىدە گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (3)
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (2)
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (1)
- د ئۇ ق ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت