گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى چەكلەندى
2007.02.21

ۋاشىنگتون كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى چىقارغان ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، يوشۇرۇن تېررورچى، دەپ قولغا ئېلىنغان ۋە گۈەنتاناموغا سولانغان چەتئەللىك مەھبۇسلار قولغا ئېلىنىشقا نارازى بولۇپ، ئامېرىكا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلالمايدىغان بولدى. فېدىرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدىكى 3 نەپەر سوتچىنىڭ 2 سى، ھەربىيلەر چەتئەللىك مەھبۇسلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرى ئۇلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھۆكۈمىنى پرېزىدېنت بۇشنىڭ تېرورىزىمغا قارشى پىلانىنىڭ زور غەلىبىسى، دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھۆكۈم ئەرزىنامىسى ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىدە كۆرۈپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نەچچە يۈز كىشىنىڭ دىلوسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس " دەپ ئاقلانغان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا "ئادالەتلىك" بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
نۇري تۈركەل: ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن
ئامېرىكىدىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە بۇ ھۆكۈم گۈەنتانامودىكى ئەرەب تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئاچقان داۋاغا ئاساسەن چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوتنىڭ ھۆكۈمى لاگىردىكى پۈتۈن مەھبۇسلار جۈملىدىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە.
نۆۋەتتە مەركىزى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى بىنھام - ماكاچىن قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى، نيۇ يوركتىكى ئاساسىي قانۇن ھوقۇقى مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلماقتا ئىدى. نۇرى تۈركەل بۇرۇن بىر مەزگىل بىنھام - ماكاچىن قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئاقلاش خىزمىتىگە ئارىلاشقان. ئۇ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئادۋوكاتلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ ھۆكۈمگە قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدىكى 3 سوتچىنىڭ 2 سى پرېزىدېنت بۇش ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۈمىتى دەۋرىدە تەيىنلەنگەن سوتچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رايموند راندولپ، چەتئەللىك مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىدە ئەرز قىلالمايدىغانلىقىنى قوللىغان سوتچىلارنىڭ بىرى. ئۇ، ھۆكۈمنامىنىڭ ئىزاھاتىغا بەرگەن چۈشەندۈرۈشىدە "ئوتتۇرىدىكى بۇ تالاش - تارتىشلار ئىجادىي بولسىمۇ، لېكىن كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئەمەس. بۇنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك ئادۋوكارلار ئەرز سۇنىدىكەن
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى2006 - يىلى پرېزىدېنت بۇشنىڭ تېررورچىلارنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جازالاش توغرىسىدىكى ھەربىي كومىسسىيە قانۇنىنى تەستىقلىغان ئىدى. مەزكۇر قانۇننىڭ نېگىزى ئامېرىكا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چەتئەللىك تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنى چەكلەشتۇر. گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنكى ھۆكۈمىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن ھوقۇقى مەركىزىدىكى ۋېللس دېكسېن، " بىز مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. سوتنىڭ ھۆكۈمى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. گەرچە بىز سوتنىڭ مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا قىياس قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدۇق " دەيدۇ. ۋېللس دىكسېن، ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسىگە بۇ ھۆكۈمنى قايتا كۆرۈپ چىقىش ھەققىدە قايتا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ۋە كەلگۈسى 2 ھەپتە ئىچىدە ئالىي سوتقا ئەرز سۇنماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دېكسېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئالىي سوتنىڭ ئەرزىنامىنى قوبۇل قىلىشىنى شۇنداقلا بۇ 5 - ئايدا ياكى مۇشۇ يىلى ياز ئايلىرىغىچە دىلو ئۈستىدىن سوت ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2006 -يىلى چىقارغان ھەربىي كومىسسىيە قانۇنىدا بۇش ھۆكۈمىتىگە "دۈشمەن جەڭچىسى" دەپ قارالغان چەتئەللىكلەرنى مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا تۇتقۇنلارنى سوراق قىلغاندا چەكلىك تۈردە ئەسەبىي ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى.
نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي ئاقلىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن . شۇڭا بۇ كىشىلەر ھەربىي كومىسسىيىدە سوتلىنىدىغان تۇتقۇنلار قاتارىدىكى ئۇنسۇرلار ئەمەس. ئۇ، سوتنىڭ ھۆكۈمى ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى "تام ئۆرۈلسە، بىچارىنى بېسىپتۇ" دېگەن ماقالغا ئوخشاتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرسا ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - دۆلەت چىقمىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈەنتانامودا ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سوتقا ئەرز سۇندى
- ئادۋوكاتلار گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا
- دېموكراتلارنىڭ ئامېرىكا پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى گۇانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن زۇلپىيە خانىم بىلەن سۆھبەت
- ئابابەكرى قاسىم: ئادالەتكە ۋە ئامېرىكا تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ
- گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسى سوت مەھكىمىسىدە
- جۇرج بۇش چەتئەللەردە يوشۇرۇن تۈرمىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- ئالبانىيىدىكى 5 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئابابەكرى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىئىسىنى ئۆزگەرتتى
- شۋېتسىيىدە گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (3)
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (2)
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (1)
- د ئۇ ق ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى